2-ئاينىڭ 21-كۈنى، كۇچا ناھىيەسى ئوچا بازىرى ئوچا 3-كەنتىدىكى ۋاڭ چياڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىشىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ھازىر گۈل سېتىۋالغىلى كېلىدىغان خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى، سودام ئىلگىرىكىدىن خېلىلا ياخشىلاندى» دېدى.
2015-يىلى، ۋاڭ چياڭ 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ گۈل پارنىكى ياسىدى، ئەمما تەشۋىق قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، گۈللىرىنى ساتالمىدى. بۇلتۇر، كۇچا ناھىيەلىك پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، گۈل-گىياھلارنى سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، نۇرغۇن خېرىدارنى جەلپ قىلدى. ھازىر، ۋاڭ چياڭنىڭ گۈل پارنىكىغا گۈل سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
«بۇلتۇر، مەن ھۆددىگە ئالغان يەتتە گۈل پارنىكىدىن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. بۇ يىل مەن تېخىمۇ كۆپ گۈل سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، گۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرنى بىرلىكتە باي بولۇشقا يېتەكلەشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ۋاڭ چياڭ.
بۇلتۇردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى پارنىكتا گۈل ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، گۈل-گىياھ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن شى دويەن، شۈ لەن تەمىنلىگەن)