تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ۋاڭ يى قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئايداربېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى

  2019-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى ئايداربېكوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قويۇق ھەمكارلىشىپ، خەۋپسىزلىك جەھەتتە بىر-بىرىگە تايىنىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش. جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە سىياسىي ئاساسقا ئىگە، ھەرقانداق تاشقى مۇھىت كاشىلىسى جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاننىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئىلگىرىكىدەكلا  ئىزچىل قەتئىي قوللايدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللىغۇچى ۋە بۇنىڭغا پائال قاتناشقۇچى مۇھىم ھەمراھ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، زۇڭتۇڭ ژېئېنبېكوفنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان قىرغىزىستانغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، بۇ يىل بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

   ئايداربېكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان-جۇڭگو خۇددى بىر قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تەقدىرداش. يېقىنقى مەزگىلدە، قىرغىزىستان دۆلەت ئىچىدە پەيدا بولغان قىرغىزىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا قارىتىلغان پاسسىپ ئاۋازلار تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە ئايرىم كۈچلەرنىڭ پايدىلىنىشىدىن كەلگەن، قىرغىزىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بىلەن مەن كۆپ قېتىم ئاشكارا ئېنىق ئىپادە بىلدۈردۇق. شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق مەسىلىدە جۇڭگونىڭ توغرا مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، مەڭگۈ جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، بىر بىرىنى قوللايدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ ۋە ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد- سودا، ئۆزئارا ئالاقە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ ژېئېنبېكوف جۇڭگوغا كېلىپ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى كۈتۈۋاتىدۇ.

  ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى