تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

سۇغا چۈشۈپ كېتىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان قىزچاق ساقىيىپلا ئۆزىنى قۇتقۇزغان «ئاكا» لىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدى

رېن جيەنخۇا (سولدا)، ياڭ چېڭلىن (ئوڭدا) نەزىرە ئوسمان (ئوتتۇرىدا) نى يېتىلەپ، چېڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ بىن): 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن 5 ياشلىق قىزچاق نەزىرە ئوسمان ئاخىرى ئارزۇ  قىلغىنى بويىچە ئانىسى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى چېڭدۇڭ ئوتتۇرا ئەترىتىگە كېلىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئاكىسىنى كۆردى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئىككى بالا كۆلگە چۈشۈپ كەتكەندە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلىكى بىلەن مۇزنى چېقىپ قۇتقۇزدى» ناملىق ماقالىدە، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بىر جۈپ ئاكا-سىڭىلنىڭ قەشقەر شەھىرى بېيخۇ باغچىسىدىكى سۈنئىي كۆلگە تاسادىپىي چۈشۈپ كەتكەنلىكى، قەشقەر شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى چېڭدۇڭ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىدىن ياڭ چېڭلىن، رېن جيەنخۇالارنىڭ قىلچە ئىككىلەنمەستىن سوغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك كۆل سۈيىگە سەكرەپ چۈشۈپ، جەينىكى بىلەن مۇز يۈزىدىن كۈچەپ «ھاياتلىق يولى» ئېچىپ، ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ياڭ چېڭلىن بىلەن رېن جيەنخۇانىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېنىك يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاكا-سىڭىلنىڭ ئانىسى گۈلپاتى مەمەتجان دوختۇرخانىدا قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقانلىقتىن، ئائىلىسىدىكىلەرگە چېڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىگە بېرىپ ياڭ چېڭلىن بىلەن رېن جيەنخۇانى يوقلاشنى، چېڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈشىنى ھاۋالە قىلدى. شۇ كۈنى، نەزىرە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن يان تېلېفوندا سىنلىق سۆزلەشتى، گۈلپاتى سىنلىق سۆزلەشكەندە: «كېيىنكى قېتىم قىزىمنى ئېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقىلى بارىمەن» دېدى.

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۈلپاتىنىڭ ئوغلى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنلىكتىن، ئۇ قىزى نەزىرەنى ئېلىپ، قولىدا گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرگىنىچە ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى كۆرگىلى كەلدى. «قىزىم دوختۇرخانىدىن چىقىپلا مېنى قۇتقۇزغان ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئاكام بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ تۇرۇۋالدى، ئۇ ئۆيدە <ئىككى ئاكام بەك ياخشىكەن، ئاۋتېمەنگە ئوخشايدىكەن> دەپ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى قىلدى» دېدى گۈلپاتى.

  «قىزچاقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، شوخ ۋە ئوماقلىقىنى كۆرۈپ، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالدى» دېدى رېن جيەنخۇا.

  گۈلپاتى ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى، بۇ ۋاقىتتا، نەزىرە ئانىسىنىڭ يان تېلېفونىدا ئاۋتېمەننىڭ كارتون فىلىمىنى ئېچىپ، ئاۋتېمەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇنىڭ رېن جيەنخۇا بىلەن ياڭ چېڭلىنغا ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ نەزىرە بىلەن پاراڭلاشتى. بىردەمدىلا، قىزچاق ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئاكىسى بىلەن چىقىشپ كەتتى. ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى.

  ئارقىدىن، گۈلپاتى بىلەن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇردى، ئۇ، پۇرسەت بولسىلا بالىلىرىم بىلەن چېڭدۇڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىگە كېلىپ، بالىلىرىمغا 2-قېتىم ھاياتلىق بەرگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىلىرىنى يوقلاپ تۇرىمىز، دېدى. خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا، گۈلپاتى ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى بىر-بىرلەپ قۇچاقلىدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە سىرغىپ چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى