تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قۇبۇقسار ناھىيەسى: ھەقسىز كېسەل كۆرۈپ، دېھقانلارغا ئىللىقلىق ‏يەتكۈزۈش

      ‏2-ئاينىڭ 20-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ‏قۇبۇقسار ناھىيە شازغەت يېزىسىنىڭ شازغەت مەركەزلىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ‏ئەترىتى شازغەت يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇر-سېستىرالار بىلەن بىرلىكتە ‏ئىككى كۈن «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش» ھەقسىز كېسەل ‏كۆرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  ‎‏«ئۆيۈمگە كەلگىنىڭلاردىن بەك خۇش بولدۇم، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئىزچىل ئۆيدە ‏ئارام ئېلىۋاتىمەن، بۈگۈن ھەقسىز كېسەل كۆرگەن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ‏يېتەكچىلىك قىلىشى سالامەتلىكىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى ۋۇتۇناش مېڭكېسۇرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.‏

  ‏بۇ كۈنى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ‏دوختۇرى نيۇ ياتيەن، سىستېرالار باشلىقى فېڭ پىڭ كەنتتىكى يول يۈرۈشى ‏قولايسىز كىشىلەر، يېتىم-يېسىرلار، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتقان ‏ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى ئۆيىگە بېرىپ ھەقسىز كۆردى. بۇ ھەقسىز كېسەل كۆرۈش قان ‏تەكشۈرۈش، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، قان قەنتىنى ئۆلچەش، جۇڭيىچە تومۇر تۇتۇش ‏قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇلار يەنە ياشانغانلاردا دائىم ئۇچرايدىغان ‏كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى، شۇنداقلا كېسەللىكلەرنىڭ ‏قانداق ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ھەمدە ياشانغانلارغا، بولۇپمۇ ئوپېراتسىيە ‏قىلغۇزغان ياشانغانلارغا ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشنى، يېمەكلىك تازىلىقى ۋە ھەرىكەت ‏بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى. ‏

  ‏ خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى پېڭ جىڭچېن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ‏ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە خىزمەت ئەترىتىمىز ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا ‏داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. ‏‏(ماقالىنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى ‏مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن داۋا يىئەرگېجىدې، ياڭ جۈنيىڭ تەمىنلىگەن) ‏‎

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى