تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پويىزدا خۇشال-خۇرام يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش

  K1316 قېتىملىق پويىز يولۇچىلار ئۈچۈن ئىسسىق تاڭيۈەن تەييارلىدى.

    شىنخۇا تورى، فۇجوۋ، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 11دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، فۇجوۋدىن كۆكخوتقا بارىدىغان K1316 قېتىملىق پويىز دەل ۋاقتىدا قوزغالدى. بۇ قېتىملىق پويىز 43 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى 22 سېلسىيە گىرادۇسلۇق رۇڭچېڭدىن، تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇس بولغان كۆكخوت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانىدى.

    بۇ ۋاقىت دەل يۈەنشياۋ بايرىمىغا توغرا كەلگەنىدى، يولۇچىلارغا بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، پويىز خادىملىرى تېپىشماق تېپىش، ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارغا خۇشاللىققا تولغان يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.



 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى