2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئايرىش مەركىزىدە، خىزمەتچىلەر تېز يەتكۈزۈش پوسۇلكىلىرىنى رەتلىمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ شياۋ): چاغان ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تېز يەتكۈزۈش بېسىق مەزگىلى باشلاندى. شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئۈرۈمچى ئايرىش مەركىزى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەركەزگە كىرىدىغان كۈندىلىك پوسۇلكا مىقدارى 70 مىڭ دانە ئەتراپىدا بولۇپ، چاغاندىن ئاۋۋالقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى ھەسسە ئەتراپىدا ئاشقان. شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئۈرۈمچى ئايرىش مەركىزى ئىككى بەن تۈزۈمىنى قوللىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پوسۇلكا ئەۋەتىش، تاپشۇرۇۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.