2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساۋخەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارا بويۇن تۇرنىلار.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى ۋېينىڭ يىزۇ-خۇيزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ساۋخەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قارا بويۇن تۇرنىلار لەرزان «ئۇسسۇلغا چۈشتى».
ساۋخەي مۇھاپىزەت رايونى قارا بويۇن تۇرنىلارنىڭ قىشلايدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، قارا بويۇن تۇرنىلار ئادەتتە 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ساۋخەي مۇھاپىزەت رايونىدا قىشلايدۇ. قارا بويۇن تۇرنا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئېگىزلىكتە ياشاپ، كۆپىيىدىغان تۇرنا تۈرى ھېسابلىنىدۇ.