تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مىكرو ھەرىكەت» ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىدىكى دېھقان ھويلىسىدا، ئۆينىڭ ئايال ئىگىسى ئانارخان ئابدۇرېھىم بىر تەرەپتىن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغاچ، بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىش قىلىۋاتقان ئېرى مامۇت باراتقا مۇنداق دېدى: «يۈەنشياۋ بايرىمى كېلىۋاتىدۇ، يۈ ھەدەمگە تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ».

  «خاتىرجەم بول خوتۇن، ئېسىمدە بار.» مامۇت بىر تەرەپتىن جاۋاب بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئېڭىشكىنىچە چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ بولتىلىرىنى چىڭىتىشقا باشلىدى، «بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھاۋا ئىللىپ قالسا، سېنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئاپىرىمەن، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىمىز» دېدى مامۇت خوتۇنىغا.

  ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن تىلغا ئالغان يۈ ھەدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى مالىيە باشقارمىسى مەكتەپ كارتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ يەنۋېي ئىدى. 2016-يىلى 11-ئايدا، ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، يۈ يەنۋېي بىلەن مامۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇغقانلاشقان.

  مامۇت ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، 48 ياشلىق ئانارخان ئېغىر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقتىن، تۇرمۇشتا كۆپ قولايسىزلىقلارغا ئۇچرايتتى، داۋالىنىش چىقىمىمۇ كۆپ ئىدى. مامۇت ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى ئوغلى ۋە يەسلىدە ئوقۇيدىغان ئىككى نەۋرە قىزى بار بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇغداي، كېۋەز تېرىش ھەمدە مال بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇ ئائىلە كىشىلىرىگە قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟ يۈ يەنۋېي ئالدى بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئانارخانغا پوچتىدىن سېلىپ بەردى.

  «2017-يىلى ئەتىيازدا چاقلىق ئورۇندۇقنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم ھەم ناھايىتى خۇشال بولدۇم». ئانارخان، شۇ چاغدا قولۇم- قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئىتتىرىپ مېڭىپ كەنتنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كۆرمىگىلى ئۇزاق بولغان بۇغدايلىقلارنى، تونۇش كۈلكە چىرايلارنى كۆرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى.

  چاقلىق ئورۇندۇق ئانارخاننىڭ پۇتىلا بولۇپ قالغانىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئانارخان ئىشەنچكە تولدى، مەيۈسلەنمەيدىغان بولدى، ئىشى يوق چاغلاردا كېلىنى ئۇنى كەنتنى ئايلاندۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ھەممىسى چاقلىق ئورۇندۇق ئانارخاننى ئۆزگەرتتى، دېيىشتى.

  چاقلىق ئورۇندۇق يۈ يەنۋېينىڭ مۇھەببەتكە تولغان «مىكرو ھەرىكەت»ى ئارقىلىق مامۇت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولدى.

  بۇلتۇر بىر كۈنى، ئېتىزلىقتىكى ئىشىنى تۈگىتىپ كەلگەن مامۇت ھويلىغا كىرىپ، ئارقا- ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكە ساداسىنى ئاڭلىدى.

  ئەسلىدە يەنە تۇغقان يوقلاپ كەلگەن يۈ يەنۋېي ئۇنىڭ ئۆيىگە يېڭى يۇڭ ئەدىيال، كاڭ شىرەسى، توك قازان ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە قوي گۆشى چۆچۈرىسى تۈگۈپ كەلگەنىدى، ئۇ ئانارخان ۋە ئۇنىڭ ئىككى كىچىك قىز نەۋرىسىنىڭ يۇيۇنۇشىغا ياردەملەشتى.

  شۇ كۈنى، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ مەززىلىك تاماقلارغا ئېغىز تېگىپ، كەنت ۋە ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىشتى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئانارخان يۈ يەنۋېي سوۋغا قىلغان يېڭى ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەدە، سىز ماڭا تۇرمۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردىڭىز، سىزگە كۆپ رەھمەت».

  چاغان جەم بولىدىغان كۈن، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 2- كۈنى، يۈ يەنۋېي مامۇت ئائىلىسىدىكىلەرنى ياد ئېتىپ، يەنە قۇمھويلا كەنتىگە كېلىپ تۇغقىنىنى يوقلىدى. ئۇ ئانارخان ۋە ئۇنىڭ كېلىنى ھەم ئىككى كىچىك دوستقا ئىسسىق ساقلاش كىيىمى، يۇڭ پوپايكا، ئويۇنچۇق، سۈرەتلىك كىتاب، قەنت-گېزەك، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئەكەلدى ھەمدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ھالدا چۈنليەن چاپلاپ، ئۆزئارا بەخت تىلەشتى.

  تاماق شىرەسىدە، ئانارخاننىڭ تاماق يېيىشىنىڭ بىئەپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يۈ يەنۋېي قاچىنى كۆتۈرۈپ ئانارخانغا بىر قوشۇق-بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈشكە باشلىدى. ئانارخان تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىپ مۇنداق دېدى: «يۈ ھەدە، سىز ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭىز».

  سوغۇق چۈشكەندە، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆمۈر سېتىۋېلىپ مامۇتقا ئەكىلىپ بېرىش؛ ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدە، مامۇت بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن پاختا تېرىش؛ چىراغ يورۇقىدا، ئىككى بالىغا ھېكايە سۆزلەپ، رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىش؛ كارىۋات بېشىدا ئانارخاننىڭ ئۆزىنى كۆپ ئاسرىشىنى قايتا- قايتا جېكىلەش...

  «مەنمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن نەپ ئالغۇچى، ئانارخان بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر قېتىم قولۇمغا ياڭاق قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن». يۈ يەنۋېي، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ داۋاملىق «مىكرو ھەرىكىتى» ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا ئائىت «مىكرو ھېكايە»لەرنى يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى