تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىگە تايىنىپ، بېيىش يولىغا مېڭىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۈەن چياۋچياۋ

  شىنجاڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 160 مىڭ نامرات دېھقان-چارۋىچىنى «نامرات كۆلبىسىدىن يۆتكەش» ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئېگىزلىك، تاغنىڭ ئىچكىرىسى ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى بوستانلىق، تۈزلەڭلىكلەرگە كۆچۈرۈپ، نامراتلىق مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلدى.

   شىنجاڭ سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈر مەبلىغىنى غەملەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

  ئۇل شارائىت ئاجىز بولۇش، يول بايلىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنىڭ تولۇقلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى پۇرسىتى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سىجىللىقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  مەغرۇپ مۇراپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش ھەم ئىللىق قىشنى ئۆتكۈزدى. باھار كەلمىگەن بولۇپ، پار يەنىلا ناھايىتى قىزىق ئىدى، كونا يېزىغا تاشلاپ قويۇلغان چويۇن مەش ئىلگىرىكى نامرات تۇرمۇشنىڭ ئەسلىمىسى بولۇپ قالدى.

  مەركەز ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارلىق كۆپ تەرەپ كۈچلەرنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاشنى ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، مەغرۇپ مۇراپقا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسمەكتە.

   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا نامرات كۆلبىدىن يۆتكەش

  مەغرۇپ مۇراپ بىلەن رەناگۈل قەھرىماندىن ئىبارەت «80-يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىلگىرى ئىزچىل «تۈمەن تاغلىق ئوبلاست» دەپ نامى بار قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ياشاپ كەلگەنىدى. بۇ يەرنىڭ تاغلىق يەر كۆلىمى %95 تىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايونغا تەۋە ئىدى.

  «ھەر يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، تاغدا كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەت دائىم يۈز بېرىپ، ئۆيلەر سۇ ئاستىدا قالاتتى، تۇپراقلار ئېقىپ كېتەتتى». دېدى مەغرۇپ مۇراپ.

  2018-يىلى 7-ئايدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشىدە، مەغرۇپ مۇراپ ئائىلىسى كوئېنلون تېغىدىن چىقىپ، 94 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى تۇڭئەن يېزىسىغا كۆچۈپ كەلدى.

  80 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيلەر، 300 كىۋادرات مېتىرلىق ھويلىلار، 40 كىۋادرات مېتىرلىق ئىسسىق قوتانلار، يەنە تولۇق يۈرۈشلۈك پائالىيەت مەركىزى، شىپاخانا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى بار بولۇپ، تاغدىكى كونا كەنتنىڭ ۋەيرانە قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يەردە تۇرۇبا سۈيى بار ئىدى، توك ئىشلەتكىلى بولاتتى، قاتناش قولايلىق ئىدى.

  «ئەڭ قولايلىقى يەنىلا تازىلىق ئۆيىنىڭ بولغانلىقى، ئىلگىرى تاغدا سۇسىز ھاجەتخانا ئىشلىتەتتۇق، ئەمدى ھەممە يەردە چىۋىن ئۇچۇپ يۈرمەيدىغان بولدى، تۇرۇبا سۈيى بولغاچقا، دەرياغا سۇ ئالغىلى بارمىساقمۇ بولىدىغان بولدى» دېدى رەناگۈل قەھرىمان.

  بەش جان بار بۇ ئائىلىدە، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسىدا بولدى، يېڭى مەكتەپ، يېڭى ئەسلىھەلەر ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، ياتاق مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  «بالىلار تاغدىن چىقىپ، ئۇچرىشىدىغان ئادەملىرى كۆپەيدى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، ئۆگىنىش توغرىسىدا سۆزلەشكەندىن سىرت، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا غايىسى بار، بىرى ھەربىي بولماقچى، بىرى دوختۇر بولماقچى، ئىلگىرى مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان» دېدى رەناگۈل قەھرىمان ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئىشىكى ئالدىدا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بەش خىل مېتال، مۇنچا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكىنى ئېچىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئائىلىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىمۇ بار بولدى. «ھازىر، كۈندە كىرىم قىلىمىز، كۆپرەك پۇل ئامانەت قويساق، كېيىن بالىلارنىڭ داشۆدە ئوقۇشىغا ئەسقاتىدۇ» دېدى مەغرۇپ مۇراپ.

  «بىر يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقى بىر يەرنىڭ كىشىلىرىنى بېقىشى قىيىن» بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 160 مىڭ نامرات دېھقان- چارۋىچىنى «نامرات كۆلبىسىدىن يۆتكەش» ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئېگىزلىك، تاغنىڭ ئىچكىرىسى ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى بوستانلىق، تۈزلەڭلىكلەرگە كۆچۈرۈپ، نامراتلىق مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلدى.

  تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش تورى توقۇش

  2018-يىلى 10-ئايدا، 28 ياشلىق روزىنىيازخان ئىمىرغازى ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئىلغارلار ۋەكىلى سۈپىتىدە تيەنجىنگە باردى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن چىقىشى ئىدى.

  روزىنىيازخان ئىمىرغازى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسى گۇلاخما بازىرى بەخت كەنتىدە ياشايتتى، بۇ يەردە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئىككى موغىمۇ يەتمەيتتى. ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىسىنى باقاتتى، بىر مو كۆممىقوناقلىقتىن باشقا، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى ئۇششاق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلەتتى.

  2018-يىلىنىڭ يىل بېشىدا، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش كارخانىسى بەخت كەنتىدە يىللىق نەسىللىك قوي بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 18 مىڭ تۇياق بولغان يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىسىنى قۇردى. كارخانا يەرلىكتىن ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، كەنت كادىرلىرى ئالدى بىلەن كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى تونۇشتۇردى.

  «بالىلىرىمنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بار، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، مەن كەنتنىڭ يېنىدىكى بىر باقمىچىلىق كارخانىسىدا يەم-خەشەك بەرگۈچى بولۇپ ئىشلەپ، ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلىمەن». روزىنىيازخان ئىمىرغازى مۇنداق دېدى: تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىمىزنىڭ مۇھىم تۇرمۇش كاپالەت مەنبەسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  روزىنىيازخان ئىمىرغازىنىڭ ئۈچ بالىسىغا ئوخشاش، شىنجاڭدا ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغان 1 مىليون 300 مىڭ «تۆت تۈرلۈك» قىيىنچىلىقى بار ئامما (ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار)نىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشى «كاپالەتلەندۈرۈش تورى»نى توقۇپ بەردى.

  شىنجاڭ سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇۋاتقان «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈر مەبلىغىنى غەملەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

   كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش

  جىغان ئادەتتە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، گەرچە پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئاقچى ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى كەڭ كۆلەمدە جىغان ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسىمۇ، شۇنداقلا مېۋىسىنى پىششىقلاشتىن ئىشلەنگەن ئىچىملىكلەر بازاردا ناھايىتى قارشى ئېلىنسىمۇ، ئىلگىرى يەرلىك «كۆزگە چېلىقمايدىغان» بۇ ئۆسۈملۈكنى بىر خىل كەسىپ سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرمىغانىدى.

  «ئىلگىرى مەبلەغ كەمچىل بولغانلىقتىن، كەنت ئاھالىلىرى جىغان ئۆستۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قورقۇپ، ئۆستۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش ياكى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئالدىغا ھۆددىگە ئېلىشنى خالىمايتتى» دېدى خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسى بەدەل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خې يى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتتى، جىغان كۆچىتى تىكىشتىن كېلىدىغان پايدىنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى تېرىقچىلىق ئارىلىقىدا جىغان ئۆستۈرۈش قوشۇنىغا بەس-بەستە قوشۇلدى.

  «پەقەت دەرەخ ئورىكى كولاش، كۆچەت تىكىشتىنلا پۈتۈن كەنت بويىچە 670 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىنىپ، ئوتتۇرىچە كۆپەيگەن ئائىلە كىرىمى 2000 يۈەن بولدى». خې يى مۇنداق دېدى: جىغان ئۆستۈرۈش، يىغىش پۈتۈن كەنتتىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كەلدى.

  2018-يىلى، ئاقچى ناھىيەسىدە 14 مىڭ مو يەردىكى جىغان مېۋىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 9000 موسى ھەربىر نامرات ئائىلىگە 10 مودىن تەقسىملەپ بېرىلدى، جىغانلىقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى كوللېكتىپقا تەۋە بولۇپ، نامرات ئائىلىلەر جىغان مېۋىسىنى يىغىپ، سېتىپ تاپاۋەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولدى، پەقەت جىغان مېۋىسى يىغىش تۈرىدىنلا نامرات ئائىلىلەر ھەر يىلى كىرىمىنى 2500 يۈەن ئاشۇرالايدىغان بولدى، قالغان جىغانلىقنىڭ پايدىسى كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمىگە كىرگۈزۈلدى.

  نۆۋەتتە، يەرلىكنىڭ جىغان كەسپىدە «شىركەت + نامرات ئائىلە + كوللېكتىپ» ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى قۇرۇلۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە تەمىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، مەھسۇلاتلىرى تېز سېتىلىۋاتىدۇ. «كۆزگە چېلىقمايدىغان» جىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى.

  ئۇل شارائىت ئاجىز بولۇش، يول بايلىقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنىڭ تولۇقلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى پۇرسىتى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سىجىللىقىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  2018-يىلى، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 10 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى. شىنجاڭ پۈتۈن يىلدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 33 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، 537 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 513 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، ئۈچ نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، نامراتلىق پەيدا بولۇش نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57تىن تۆۋەنلەپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى%6.51كە چۈشتى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى