تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رەيھانگۈل جۈمەنىڭ دوستلار چەمبىرىكى

  مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، گاۋ ۋا

  «جاڭ ھەدە، سىز ئەۋەتكەن ئۈچ يېڭى ئىشتاننى تاپشۇرۇۋالدىم، رەھمەت سىزگە!» 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى يىڭبىڭ يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى رەيھانگۈل جۈمە راۋان پۇتۇڭخۇادا ئىچكىرىدىكى دوستى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى.

  2017- يىلى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رەيھانگۈل پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ تەربىيەلەندى. ھازىر، ئۇ تەربىيەلىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شۇ جايدىكى بىر كىيىم-كېچەك كارخانىسىدا سېخنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ. «جاڭ ھەدەم مېنىڭ خىزمەتدىشىم، ئۇ يۇرتى چۇڭچىڭغا چاغان ئۆتكۈزگىلى كەتكەن. مېنىڭ ھازىر ھەرقايسى مىللەتتىن نۇرغۇن دوستلىرىم بار» دېدى رەيھانگۈل.

   بىر مەھەل نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش

  «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنى نۇرغۇن دوستلىرىمدىن ئايرىدى.» ئۆتمۈشىنى سۆزلەۋېتىپ رەيھانگۈلنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.

  رەيھانگۈل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئېغىر بىر قوشنىسىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە «يات دىندىكىلەر» بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭ بولمايدۇ، بولمىسا «دوزاخقا كىرىسەن» دېگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ قوشنىسىنىڭ تەسىرىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرگەن.

  ئەينى چاغدا، رەيھانگۈل پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بىر تاللا بازىرىدا ئىشلەۋېتىپ، ما جۈن ئىسىملىك بىرەيلەن بىلەن تونۇشۇپ دوست بولغان، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. «بىر قېتىم ئۇ مېنىڭ چۈشتە تاماق يېمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ، مەخسۇس پولۇ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەرگەنىدى. لېكىن مەن بۇ <يات دىندىكىلەر> ئەكەلگەن تاماق، مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئالدىدىلا پولۇنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋەتكەنىدىم.» رەيھانگۈل شۇنىڭدىن كېيىن ما جۈن بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەيلى نېمىلا سېتىۋالسۇن مۇسۇلمانچە-مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ ئايرىش، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنى چەتكە قېقىش... دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشى بىلەن، رەيھانگۈل كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىدىن پەيدىنپەي ئازدى. ئۇ ھەتتا ئېرى تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسىمۇ «دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ قارىدى، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن بۇ ئىش سەۋەبلىك جېدەللىشىپ، ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كەتتى.

  «مەن دوستلىرىمدىن، ئېرىمدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇش چەمبىرىكىم بارغانسېرى تارىيىپ كەتتى، ئىدىيەم بارغانسېرى قاتماللاشتى» دېدى رەيھانگۈل ئازابلانغان ھالدا.

   دوستلۇق مىللەت ئايرىمايدۇ

  1- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەيھانگۈل شىركەت ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سەي جۇنەنگە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. «يېڭى كەلگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، سەي دىرېكتور ماڭا قانداق ئىستاتىستىكا قىلىش، قانداق دىياگرامما ئىشلەشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، ئۇ مېنىڭ ئۇستازىم» دېدى رەيھانگۈل.

  ئىلگىرى ئاتالمىش «يات دىندىكىلەر» بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدىغان رەيھانگۈل نېمە ئۈچۈن سەي جۇنەننى ئۇستاز تۇتۇشنى خالىدى؟ ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىش كەچۈرمىشىم مېنى ئۆزگەرتتى.

  «تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن مول، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشتىن باشقا، بىز مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشنى يېتىلدۈردۇق» دېدى رەيھانگۈل.

  ئۆگىنىش ئارقىلىق رەيھانگۈل شىنجاڭ تارىخى، مىللەت، مەدەنىيەتكە نىسبەتەن توغرا تونۇشقا ئىگە بولدى، ئۇ ئاستا- ئاستا قەلب ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۆزىدىكى خاتالىقلار ئۈستىدە ئويلاندى ھەم ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل ئىدى، كۆپچىلىك خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، زاڭزۇ، دەيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. «دوستلۇق مىللەت ئايرىمايدۇ، ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ ھەممىسى ئىناق ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. مەن ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەلەپ قىلغان ئۇسۇل بويىچە باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاچقا، نۇرغۇن دوستلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم».

  كاللىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان رەيھانگۈل خىزمەتنى ئىنتايىن تىرىشىپ ئىشلىدى، بىلمىگەنلىرىنى سەي جۇنەندىن سورىدى، ئىككىيلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتتى. «خىزمەتتە بىز يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىدىكى مۇناسىۋەتتە، تۇرمۇشتا بىز دوست. مەن بەزىدە ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرمىسەم، رەيھانگۈل ماڭا مانتا، دوۋجياڭ ئەكىلىپ بېرىدۇ، يەنە دائىم قۇرۇق مېۋە-چېۋە دېگەندەك يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم» دېدى سەي جۇنەن.

  رەيھانگۈلنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈگۈن بار، ئۇ بولسىمۇ دوستى ما جۈندىن ئايرىلىپ قېلىش. تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىنكى بىر كۈنى، ئۇ ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ، ما جۈنگە تېلېفون قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدى، ئىككىيلەن باشقىدىن ياخشى بولۇپ قالدى. «بىز ئۆزئارا ئۈندىدارلىرىمىزنى قوشۇۋالدۇق، ئۇ مېنى بۇ يىل چاغاندا ئۆيىگە بېرىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.» ما جۈننىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىپ، دوستلۇققا قايتا ئېرىشكەن رەيھانگۈل ئىنتايىن خۇشال بولدى.

   قىزىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى دوستى بولۇشى كېرەك

  «ئىشىك ئالدى تال ئۈزۈم، بىخ چىقاردى كۆكىرىپ...» 1- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچقۇرۇن، رەيھانگۈلنىڭ ئۆيىدىن سەبىي بالىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ كۈنى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئاياغلاشقان بولۇپ، رەيھانگۈلنىڭ سەككىز ياشلىق قىزى تۇرسۇنئاي بىرنەچچە كىچىك دوستلىرى بىلەن مېھمانخانىدا ئويناۋاتقانىدى.

  رەيھانگۈل ئاشخانىدا ئالدىراش بولۇپ، ھايال ئۆتمەيلا بىرنەچچە تەخسە قورۇما قورۇپ ئېلىپ چىقتى. تۇرسۇنئاي بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغاچ، بىر تەرەپتىن كىچىك دوستى گاۋ شىخەننىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرغۇزدى. «ئۇ مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم» دېدى تۇرسۇنئاي گاۋ شىخەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  بالىلارنىڭ خۇش چىرايىنى كۆرۈپ، رەيھانگۈلمۇ خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كەتتى: «ئىلگىرى مەن قىزىمنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان بالىلار بىلەن ئوينىشىغا يول قويمايتتىم، ھازىر ئويلىسام ھەقىقەتەن بەك ئەخمەق ئىكەنمەن. قىزىمنىڭ سىنىپىدا كۆپ مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرى بار، ئۇلار دائىم بىللە ئويناپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىدۇ، قىزىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياخشى دوستى بولۇشىنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە خۇشال- خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

  ئاستا- ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈپ، بالىلار بىر- بىرلەپ ئۆيلىرىگە قايتتى. رەيھانگۈل سافادا ئولتۇرۇپ، قىزىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «غەربكە ساياھەت»نى سۆزلەپ بەردى: «سۈن ۋۇكۇڭ خۇاگوشەندە ئۆزىنى چىتيەنداشېڭ دەپ ئاتىدى، يەنە دۇڭخەي ئەجدىھا پادىشاھىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچ تۈۋرۈكىنى ئېلىپ كەتتى...»

  ئىللىق ئاق رەڭلىك چىراغ نۇرىدا، رەيھانگۈلنىڭ ئاۋازى سىلىق چىقىۋاتاتتى، قىزى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. رەيھانگۈلنىڭ ئاپىسى جۈمەگۈل زۇنۇن بىر چەتتە قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن خاتىرجەملىك ۋە بەخت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى