ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ ۋېنتاۋ نۇر يولىنى تەڭشەپ سۈپەتلىكلەشتۈرمەكتە(2-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
جۇڭگونىڭ 35-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى يېقىندا جەنۇبىي قۇتۇپتىكى جۇڭشەن پونكىتىدا يالتىراق نۇرلۇق ناترىي دوپلېر لازېر نۇرلۇق رادار سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، تۇنجى قېتىم جەنۇبىي قۇتۇپ مېزوسفېرا چوققىسى رايونى ئاتموسفېراسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك شامال مەيدانىنى بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ، قۇتۇپ يوچۇقى رايونىنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى قاتلام ئاتموسفېراسىنى تەكشۈرۈشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.
ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئۆلچەش سانلىق مەلۇتىغا ئېرىشمەكتە (2-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
جۇڭشەن پونكىتىدىكى لازىر نۇرلۇق رادار كۆزىتىش بۆلمىسى (2-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى