تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئولتۇرۇش ۋاقتىنى كۈندە بىر سائەت قىسقارتقاندا...

   ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى كۈندە بىر سائەت قىسقارتقاندا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %12، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %26 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرغاندا يۈرەككە ئېقىپ بارىدىغان قان ئازىيىپ، قان تومۇر دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەر بۇزۇلۇپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا، دائىم چېنىقىدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى كۈندە بىر سائەت قىسقارتقاندا، ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %10تىن، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %25تىن كۆپرەك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىپ ھەمدە چېنىقىپ بەرگەندە بۆرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى، جىگەر كېسىلى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك ھەتتا راك قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار يەنە ئۇزاق ئولتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئولتۇرۇش ۋاقتى ئوخشاش، ئەمما ئارىلىقتا قوپۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %52 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  لوس ئانجېلېس سېدارس سىناي تېببىي مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، قان تومۇر ئېندوتېلىيە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشنىڭ بىر كۆرسەتكۈچلۈك ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، چۈنكى بۇ خىل ئەھۋالدا ئارتېرىيە تومۇرى تولۇق كېڭىيەلمەيدىكەن.

يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى