تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بۈگۈر ناھىيەسى: تۇغقىنى بىلەن بىللە يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خۇييۇڭ): 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ما مېڭجيې «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ ۋېنخۇەن بىلەن بىللە يۈەنشياۋ ئېلىپ، بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىدىكى تۇغقىنى تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە يۈەنشياۋ يەپ، كاتتا بايرامنى تەبرىكلىدى.

  «بۇ، بىز قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيانقى تۇنجى يۈەنشياۋ بايرىمى، بۇ ھەم جەم بولىدىغان كۈن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بايرامنى ئالدىن تەبرىكلەپ، قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتىۇق...» دېدى، ما مېڭجيې ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئىسسىق چاي، تاتلىق-تۈرۈم، مېۋە-چېۋە...تۇرسۇنجان چۈشتىن باشلاپلا جەم بولۇش تامىقىغا تەييارلىق قىلدى، كۆپچىلىك يۈەنشياۋ يېگەچ مۇڭداشتى.

  «ئالدىنقى قېتىم بالام ئاغرىپ قالغاندا، بەختكە يارىشا شياۋ ما بالىنى ناھىيەگە ئاپىرىپ، كېسەل كۆرسىتىپ دورا ئېلىپ بەردى، قايتىپ كېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەلبىمنى ئىللىتتى» دېدى، تۇرسۇن.

  «بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، تۇغقىنىم بىلەن بىللە يۈەنشياۋ بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپلا قالماي، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز» دېدى، ۋاڭ ۋېنخۇەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى