تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن

شىخو شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئادالبىك باقىتقان

  پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە مەن بىر ئوقۇتقۇچىدىن ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا، مەن ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، خىزمەت قىلىپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا خەلق تۇرمۇشى زور ياخشىلانغان، شەھەر-يېزىلار زور ئۆزگەرگەن، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان زور ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار تەلۋىلەرچە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  ئۆزۈمنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتىم ئارقىلىق، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئاتقان بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنىڭ مەركەزنىڭ تەلىپىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، كومپارتىيە بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى بولمايتتى؛ كومپارتىيە بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. پەقەت «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىلا، شىنجاڭ ئاندىن مەڭگۈ ئەمىن بولىدۇ، ئىقتىساد ئاندىن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىدۇ، ھەر مىللەت ئامما ئاندىن تېخىمۇ ياخشى خاتىرجەم ياشايدۇ، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدۇ.

  بىز تەستە قولغا كەلگەن زور ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننىڭ بىرتۇتاش يېتەكچىلىكىدە قانات يايدۇرۇش، ھەممىدە باش نىشانغا بويسۇنۇش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىمەن. باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى توغرا تونۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

  مەن كەسكىنلىك بىلەن ۋەدە بېرىمەنكى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە زەربىدار، ئۈلگە بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى تەنقىدلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى قىلچە رەھىم قىلماي ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىدلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىلچە تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئورتاق ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى