تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تۇرسۇننىڭ «قوي بېقىش» خاتىرىسى

جۇڭگو ياشلار گېزىتى. جۇڭگو ياشلار گېزىتى تور مۇخبىرى جاڭ جېڭ

  2-ئاينىڭ بېشىدىكى بىر سەھەر، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توپقان بازىرىدىكى قۇمئېرىق دەرياسىنى تۇمان قاپلىغانىدى، دەريا بويىغا جايلاشقان ئاياقچى كەنتى ئۇيقۇدىن ئويغانغانىدى. تۇرسۇن توختى تاڭ ئاتماستىنلا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى قوي قوتىنىنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى، ئۇ پات-پات توختاپ، بېلىنى ئېگىپ قوي توپىنى ئىنچىكە كۆزەتتى.

  شۇ پەيتتە، ئۇ سەل جىددىيلىشىۋاتاتتى، 54 نامرات ئائىلە قويلىرىنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بېقىپ بېرىش ۋە سېتىپ بېرىشكە تاپشۇرغان، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇ كۈنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قەرەللىك ئېچىۋېتىلىدىغان كۈن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئائىلە ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلاتتى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: «قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ پىچىرلىدى.

  نامرات ئائىلە ۋەكىللىرى شۇاڭخې گۆش قويى باقمىچىلىق كوپىراتىپىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. تۇرسۇن دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بەش ئاي ئىلگىرى 54 نامرات ئائىلە بىلەن نامراتلارنى يۆلەش قويىنى ھاۋالىلىك بېقىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ۋاكالىتەن بېقىلىدىغان 540 تۇياق قوينى تاپشۇرۇۋالغانىدۇق، قويلارنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى ئەسلىدىكى سەككىز كىلوگىرامدىن 12 كىلوگىرام ئەتراپىغا يەتتى، يەنە يېرىم ئايدىن كۆپرەك بېقىلسا، 15 كىلوگىرام ئەتراپىغا يېتىدۇ».

  نامرات ئائىلە ۋەكىلى تۇرغۇن ياسىن قوي قوتىنىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، رازىمەنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «قوي بېقىشتا يەنىلا سېنىڭ تەجرىبەڭ بار ئىكەن، قويلىرىمىز بۇ يەردە بېقىلسا، بىز خاتىرجەم بولىمىز. قويۇمنى ساتقاندىن كېيىن پايدىسىنى ئالماي، يەنە بىر قانچە قوزا سېتىۋېلىپ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن».

    دەسلەپ بەرپا قىلىش، يۈز نەچچە مىڭ يۈەن يىغىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ توغرىسىدا گەپ بولۇنسا، تۇرسۇننىڭ دائىم سۆزلىرى تۈگىمەي قالىدۇ، ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك تىكلىشىممۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەسىرىدىن بولدى، ئۇ كۈنى مەن پۈتۈن كەنتتىكى 46 ئىتتىپاق ئەزاسى بىلەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئىتتىپاق ياچېيكىسىدا ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم، باش شۇجىنىڭ ياش چاغلىرىدا شەنشى لياڭجياخې دادۈيىدە بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىشلەپ، كەنتتىكى يۇرتداشلارنى باشلاپ بىرىنچى پاتقاق گازى كۆلچىكىنى ياساپ، يۇرتداشلارنى باشلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدىم، شۇ چاغدىلا ئەنە شۇنداق ياخشى يىگىت بولۇش نىيىتىگە كەلگەنىدىم».

  مەمەت ئەركىن كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شۇنداقلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شېرىكى ئىدى. تۇرسۇننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەن چاغدىكى ھاياجانلىق ھالىتى ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە: «تۇرسۇن شۇ كۈنى ئۆيۈمگە ئۈسۈپلا كىردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەنتىمىزنىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپلىرى مول بولۇپ، قوي بېقىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن، قوي قىغىدا ئوت-چۆپلەرنى ئوغۇتلىغىلى، ئوت-چۆپلەردە قويلارنى باققىلى بولىدىكەن، ئەمما جەزمەن ئىلمىي بېقىش كېرەك ئىكەن. ھازىر ناھىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز ھېچنېمىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدىكەن».

  ئەركىن بارات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يەنە بىر شېرىكى، ئۇ مۇنداق دېدى: «2017-يىلى 8-ئايدا، بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردۇق، بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ئالاھىدە قوللاپ، ناھىيەدىكى نەچچە ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىمىزگە ياردەملەشتى، يەنە قەرز پۇل ئېلىپ بەردى، بىز بىر ئاي تەرەپ-تەرەپتىن يىغىش قىلىپ، يۈز نەچچە مىڭ يۈەن تەييارلاپ، 120 تۇياق قوي سېتىۋېلىپ ئىشنى باشلىدۇق».

    ئوڭۇشسىزلىق، قويغا كېسەل تەگكەنلىكتىن ئەنسىرەپ كۆز يېشى قىلىش

  تۇرسۇن «قوي بېقىش داغدام يولى»نى ئەسلەپ، يېشىنى سۈرتتى.

  ئەمەلىيەتتە قوي بېقىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغلاردا تەجرىبە يوق، تېخنىكا بىلمىگەچكە، نۇرغۇن قوزىلار ئۆلۈپ قالدى». ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت باشلاپ بىر ئاي بولمايلا، بىر قېتىمقى ئاقسىل كېسىلىدە 30 نەچچە تۇياق قوزا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

  ئۇ بىر تىنىۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «بەكمۇ جىددىيلەشتىم! كۆزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى، يوشۇرۇنچە كۆز يېشىمۇ قىلدىم، مەمەت ناھىيەدە بىر چوڭ مۇتەخەسسىسنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەن، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ قويلارنى داۋالاپ ساقايتىۋالدۇق».

  چېن يى ئونسۇ ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا تېلېفوننى قوبۇل قىلىپلا دەرھال باردىم، بۇ قويلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جېنى-دە! قويلارغا سۇلۇق قاپارتما چىققانلىقىنى، ئېغىزىدىن شالۋاق ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاقسىل كېسىلى بولغانلىقىنى جەزملەشتۈردۈم، بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل، جايىدا ئالدى ئېلىنسىلا قوزغالمايدۇ».

  تۇرسۇن مۇتەخەسسىسنىڭ دېگىنى بويىچە باققانلىقتىن، قويلارنىڭ كېسەل ئەھۋالى ياخشىلاندى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە چېن يىنى تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇپ، قويلارنى بېقىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  تۇرسۇن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت، <تەكلىپ قىلدۇق> دېگەن بىلەن بىز پۇل خەجلىمىدۇق، مۇتەخەسسىس قەرەللىك كېلىپ بىزگە دەرس سۆزلەپ بەردى، قويلارنى تەكشۈردى، نۇرغۇن ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى ئۆگەتتى، ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمەن».

  «بىر قانچە قېتىم باشقا دېھقانلارنىڭ قويلىرىغا تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەندە، بىزنىڭ قويلىرىمىز ھېچنېمە بولمىدى. مۇتەخەسسىسلەرگە قاچان تېلېفون قىلىپ چاقىرساق، ئۇلار دەرھال كېلىدۇ، يەنە باشقا دېھقانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقىمۇ ياردەم قىلىدۇ، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى» دېدى تۇرسۇن.

    ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشتە «سەركە»نى توغرا تاللاش

  نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىشىنىشكە بولامدۇ؟ جاڭ فېنجىن 2018-يىلى توپقان بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بۇ، ئۇ بىر مەھەل ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

  جاڭ فېنجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئاياقچى كەنتى ئىلگىرى يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن نامرات كەنت بولۇپ، نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلارنى يۆلەش بېسىمى زور ئىدى. 2018-يىلى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئاكتىپلىق بىلەن تۈر ئىلتىماس قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 54 نامرات ئائىلە ئۈچۈن 540 نامراتلارنى يۆلەش قويىنى قولغا كەلتۈردى، مەقسەت باقمىچىلىق ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش شەكلىدە پۇختا قەدەم بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش».

  جاڭ فېنجىننىڭ كۆڭلى گۇمان بىلەن تولغانىدى: «بەزى نامرات ئائىلىلەرنىڭ <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>ىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن، نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىلغاندىن كېيىن باشقۇرۇشنى ياخشى قىلغىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە ئىدى، ياخشى بولغىنى تۇرسۇن كۆپ ياردەم قىلدى».

  تۇرسۇن بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولسا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم ئىتتىپاق ياچېيكىسىدىكى ئۆگىنىشتىن كەلگەن». ئۇ مەمەت بىلەن تەشەببۇسكار بولۇپ بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتى، پارتكومغا نامراتلارنى يۆلەش قويلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىش پىلانىنى دوكلات قىلدى. تۇرسۇن ئىككى قولىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، شۇ چاغدا قويلارنى ھاۋالىلىك بېقىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مەن ناھايىتى دەككە-دۈككىدە بولۇپ، قوشۇلماي قېلىشىدىن، ياخشى باقالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرىگەنىدىم، ئويلىمىغان يەردىن بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، پارتكوممۇ ئادەم ئەۋەتتى، بىز نامرات ئائىلىلەر بىلەن بىرمۇبىر <نامراتلارنى يۆلەش قويلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىش كېلىشىمى> ئىمزالىدۇق».

  بۇ ياشلار قويچى بولدى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەشتىكى «سەركە» بولدى. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ئۇلارغا دەل جايىدا ياردەم بەردى: دورا كۆلچىكى ياساپ بەردى، قوتاننى رېمونت قىلدۇرۇپ بەردى، مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ كۆپ كېلىدىغان بولدى. تۇرسۇن باقمىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، دائىم كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 700 دىن ئارتۇق قوي بار. بۇ يىل ئۇ يەنە ئاكتىپلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  مۇخبىر تۇرسۇندىن نېمىشقا پارتىيەگە كىرمەكچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئىختىيارسىزلا: «پارتىيە ياخشى! ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ بىر يىللىق كىرىمى ئاران 20 مىڭ يۈەن ئىدى، ھازىر ئۆيىمىز ئەمىن ئۆيگە ئالماشتى، ئىشكاپتا كىيىم-كېچەك كۆپەيدى، توڭلاتقۇدا لىق گۆش بار، بۇ يىل قورقماي خوتۇن ئېلىشنى ئويلاشسام بولىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز (جېجياڭ)جىنخۇا بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، قويلارنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، موتوسىكلىت سېتىۋالاي دەيمەن. ھازىر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا ئاتچوت قىلىدۇ، ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بار... كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى سىياسىتى دېيىشتى، مەنمۇ بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن».

   ئۆزگىرىش، «كۈتۈش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»تىن «ئىش قىلىشنى ئويلاش»قىچە

  قانداق قىلغاندا ياشلارغا دەل جايىدا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ؟ بۇ ئىتتىپاق تەشكىلاتى خىزمىتىدە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلە.

  جاڭ فېنجىن مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە، تۇرسۇن ئايرىم مىسال ئەمەس، بىزنىڭ بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىمىز ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىنى يېتەكلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ياشلار چوڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ <كۈتۈش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش> ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قەلبىدىن <ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان> قىلىپ، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشتە ئىقتىدارنى كۈچەيتىمىز».

  ھازىر نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، ئونسۇ ناھىيەلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتى ياشلار بىلەن پارتكومنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى، ئۇلار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ تېخنىكا-ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنىڭ «قانداق ئىشلەش»تىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى پائال «ئىش قىلالايدىغان» قىلدى. تۈركۈملىگەن ئىتتىپاق ئەزالىرى ياشلارنىڭ پىلانى بولۇش، جۇشقۇن بولۇش، چىداملىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشماقتا.

  ئونسۇ ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېڭ شىجيې مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ياشلاردا، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ بۇرچى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش ۋە كېڭەيتىشتە». بىرىنچىدىن، قەتئىي ھالدا ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ «قوشۇننى كۈچەيتىش»، ئىتتىپاق كادىرلىرى ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ «سەركە»سىگە ئايلىنىشى، ئىتتىپاق ئەزالىرى ياشلارنىڭ «سەركە»سىگە ئايلىنىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ياشلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەتقىق قىلىپ «قەلبنى مۇجەسسەملەپ»، ياشلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ياشلارنى «كەلگۈسىنى يارىتىش»قا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنى غايىسى ۋە ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  (2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى «جۇڭگو ياشلار گېزىتى»دىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى