تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە <ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك> بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە-ئەمەلىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدە <ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك> بولۇشنى كۈچەيتىش تەربىيە- ئەمەلىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مۇھىملىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ ئاخبارات سېپىدىكىلەر ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن تاراتقۇنىڭ تارقىتىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باش شۇجىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى كۈچەيتىش يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، ئىقتىدار سەۋىيەسى، روھىي قىياپىتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھالدا چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەش كېرەك؛ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە، مەدەنىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش ئىقتىدارىنى، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، توردىكى ئاممىۋى پىكىر تەشۋىقاتى ۋە كۈرىشى ئىقتىدارىنى، مۇرەككەپ مەسىلىلەر ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىدىكى كەسىپ ئەھلى بولۇپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.