تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 3-تۈركۈمدىكى شەھەر دەرىجىلىك مەززىلىك تائاملار كوچىلىرى(شەھەرچىلىرى)نى ئېلان قىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىگە ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى شەھەر دەرىجىلىك مەززىلىك تائاملار كوچىلىرى(شەھەرچىلىرى)نى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىم سەككىز مەززىلىك تائاملار كوچىسى تاللاندى.

   مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئېلان قىلىنغان سەككىز مەززىلىك تائاملار كوچىسى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى، داشىزى ۋەنيەنچېڭ مەززىلىك تائاملار مەيدانى، دەۋر مەيدانى مەززىلىك تائاملار رايونى، يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى، بىرىنچى ماي كەچلىك بازىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىستىراھەت مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى، بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر مەززىلىك تائاملار كوچىسى رايونى، ۋېنجوۋ كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاتارلىقلار ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى يېمەك-ئىچمەك بازىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، 2018-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېمەك-ئىچمەكتىن قىلىنغان كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك بازىرىدىن قىلىنغان كىرىم بۇلتۇرقىدىن %9.3ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى