تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىر بەلباغ بىر يول

سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پاكىستان، ۋېنېسۇئېلا، كۇبا، مىسىر، كامبودژا، رۇسىيە، سېنېگال، بېلارۇسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى ھەم سۆھبەتلەشتى.

  جياڭ جيەنگو جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلاپ ۋە سادىر قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ۋە زور سوممىلىق مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىشكە ئائىت ئۆگىنىش ۋە تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭدا ئۇدا 25 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  لې يۈچېڭ كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، خەتەرلىك ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق قىزىل رەقىمى ئېشىۋاتىدۇ. تەرەپلەر داۋاملىق كۆپ تەرەپلىك يولدا مېڭىپ، تىنچلىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىللىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق زومىگەرلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگوچە تەرەققىيات يولى، ئىدىيەسى ۋە نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، تەرەپلەرنىڭ تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا باراۋەر ئەھمىيەت بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پۈتكۈل يەر شارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى