تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹بۇ خىل تەلىم – تەربىيە ياخشى ئىشلىنىپتۇ››

  پېشقەدەم كادىرلار خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: كەچ كۈزدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى يېقىشلىق بولىدۇ. 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان 64 پېشقەدەم يولداش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، بىر كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  پېشقەدەم كادىرلار كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى كۇرسانتلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى.

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلام ئۈنگە ئېلىش، ئاڭلىتىش ئۆيىدىن چىقىۋاتقان ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ ئۈنگە ئېلىش، ئاڭلىتىش ئۆيىگە كىردى، قارا – قىزىل رەڭ ئارىلاش تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن كۇرسانتلار ‹‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئىكەن، كۇرسانتلارنىڭ تاماق، ياتاق، ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى ئىكەن، كۇرسانتلار بىلەن ئائىلە تەۋەلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپتۇ، كۇرسانتلار تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىپ، بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن خۇشاللىنارلىق دەرىجىدە ئۆزگىرىپتۇ ۋە ئۆسۈپ يېتىلىپتۇ، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، بۇنىڭغا قارىتا ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى!

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىنىڭ قانۇن دەرسىدە، كۇرسانت ئابدۇلئەھەت مەتتوختى تەسىراتىنى ئۈنلۈك سۆزلەپ مۇنداق دېدى: قانۇن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى قانچىلىك خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىمنى بىلدىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىغا رەھمەت!

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش تەپتىشى قاسىم مامۇت مۇنداق دېدى: مەن بىلەن پاراڭلاشقان كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشتىكى قانۇنلۇق بىلەن قانۇنسىزلىقنىڭ چېكىنى ئېيتىپ بېرەلىدى، بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم. بۇ خىل تەلىم – تەربىيە ياخشى بوپتۇ، بۇ خىل تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بوپتۇ، ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزى ئاياغچىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ زاۋۇت سېخىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھۆججەت – تارىخىي ماتېرىياللار كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاھاپ ئەزىمەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئاياغ تىكىۋاتقان كۇرسانت مەتتۇرسۇن مەتنۇرىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ۋاھاپ ئەزىمەت مۇنداق دېدى: مەن خېلى كۆپ كۇرسانتنىڭ ماھارەت ئۆگەنگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىغا ئىگە بوپتۇ، بۇ، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئىجادىي رولىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، كۇرسانتلار بىلىم ئاپتۇ، تەپەككۇرىمۇ ئېچىلىپتۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مەخسۇس تاللاپ ئەۋەتىپ ئۇلارنى تەربىيەلەپتۇ، بۇ، نەقەدەر زور غەمخورلۇق، كۆيۈنۈش – ھە!

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە مەركىزىدىكى كۇرسانت ئېلشات مەمەتروزى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سېرجەگە: مەن ئىلگىرى دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى بىلىم ئېلىپ، ئىلىم – پەن ئۆگىنىپ، تېببىي ئىلىم ئۆگىنىپ، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزىمەن، دېدى. سېرجە مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەم كۇرسانتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، ھەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىدىيە مەسىلىسى ھەل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ياشلارغا يېڭى كىشىلىك ھاياتنىڭ يولى ئېچىپ بېرىلدى، بۇنىڭ نەتىجىسى ئۇنىۋېرسال، كۆپ تەرەپلىك بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن زاكىر كەسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۇتقىسى بولۇپ، بىر توپ كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، بىر ئەۋلاد كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالدى، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل بولمىغان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامرىشىنى چەكلەش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك، ئاساسىي قاتلامغا باب كېلىدىغان چارىلەر تېپىپ چىقىلدى. پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇر، سىجىل قانات يايدۇرغاندىلا، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

  پېشقەدەم كادىرلار لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسىدىكى كەنتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك پايدىغا ئېرىشتۈردى، بىز بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى