تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

تىيانشان قىش پەسىللىك يىلپىز تەكشۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان يىلپىزنىڭ سۈرىتى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى(WWF) يىلپىز قوغداش تۈرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ تىيانشان شەرقىي قىسىم دۆلەت ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى شىخو تارماق ئىدارىسىگە قاراشلىق رايوندا قىش پەسىللىك يىلپىز كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
   بۇ قېتىمقى قىش پەسىللىك تەكشۈرۈش داۋامىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆپ قېتىم يىلپىزنىڭ يېڭى ئىزى، ئازگال ۋە گەندىلەرنى بايقىغان. يىغىۋېلىنغان 25 ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى 21 ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات يىلپىزنىڭ سۈرىتىنى 94 قېتىم، جەمئىي 417 پارچە سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشىنى تارتىۋالغان.

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان يىلپىزنىڭ سۈرىتى

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتتا تارتىلغان يىلپىزنىڭ سۈرىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى