تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

لوپنۇر ناھىيەسى قاراقۇم كەنتىدە يۈەنشياۋ بايرىمى كۈتۈۋېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىنچېن): تېپىشماق تېپىش، ئويۇن ئويناش، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش...... 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى قاراقۇم كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى پائالىيەت زالىدا يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  «كۆپچىلىكنىڭ ئاشخانىسىدا سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ قورقماس بىر نەرسە بار، ئۇ بىر خىل تۇرمۇش بۇيۇمى، جاۋابىنى كىم تاپالايدۇ؟ قېنى قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىڭلار، مۇكاپات بۇيۇمى بار» رىياسەتچىنىڭ سىرلىقلاشتۇرۇپ سورىشى بىلەن تەڭلا تېپىشماق تېپىش پائالىيىتى باشلاندى. كەنت ئاھالىلىرى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئويلاندى، بىردەمدىلا، پانۇسقا ئېسىلغان تېپىشماقنىڭ جاۋابى تېپىلدى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق، بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ، پائالىيەت مەيدانى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

  ئارقىدىن، كەنت ئاھالىلىرى لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى ئورۇندىغان چاتما ئۇسسۇلنى ئىشتىياق بىلەن كۆردى، قاراقۇم كەنتىدىكى ئاياللار مودا كىيىم مودېلى نومۇرىنى ئورۇندىدى. سەرخىل ناخشا-ئۇسسۇللار قاراقۇم كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، نەق مەيدان قىزغىن ئالقىش سادالىرىغا، قاينام ـ تاشقىنلىققا تولدى.

  قاراقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۈگۈن تۇغقىنىم بىلەن بىرگە يۈەنشياۋ بايرىمىلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بىز بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدۇق، ھېسسىياتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شىڭ جىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېتى»، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئاستىدا، قاراقۇم كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى بىر يىلدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاراقۇم كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قاراقۇم كەنتىنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى