شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ يۈجۈن، ياۋ جىدۇڭ): 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 20 دە قاراماي شەھىرىدىكى تيېما مەيدانىدا، داقا-دۇمباق ساداسى كۆككە ياڭراپ، خۇشاللىققا تولغان ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىلىپ، يېڭى كەيپىيات ئىپادىلەندى، 50تىن ئارتۇق بىرتۇتاش كىيىم كىيگەن شېخو كوچا ئويۇنى ئارتىسلىرى رەتلىك رېتىمغا ئەگىشىپ، قاراماي شەھىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاراماي شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلاش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە قاراماي مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى باغچە رايونىدا يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.