تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] گۈلزارنىڭ «رەسسام» بولۇپ يېتىشىش خاتىرىسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇبالىغىلەشتۈرۈش، شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ساددا ۋە تەبىئىيلىكنى ئىپادىلەش ئاۋات ناھىيەسى دېھقانلار رەسىمىنىڭ ئۆزگىچە شەكىل ئالاھىدىلىكى. ئاۋات ناھىيەسى دېھقانلار رەسىمى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا شەكىللەنگەن، ئاۋات ناھىيەسى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «جۇڭگو دولان دېھقانلار رەسىمى يۇرتى» دەپ ئاتالغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاۋات ناھىيەسى دېھقانلار رەسىمىمۇ شۇ يەردىكى قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  11-ئاينىڭ بېشىدا، سوغۇق قىش پەسلى ئۆز قەرەلىدە باشلاندى. ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىدا 10 نەچچە دېھقان رەسسام رەسىم جازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ دېھقانلار رەسىمى سىزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، پاختا تېرىۋاتقان دېھقانلار، توغراقلار، قۇملۇق چۆل، دولان قەبىلىسى، مۇسەللەس قاتارلىق شۇ جاينىڭ خاس بىر تۈركۈم بايلىقلىرى رەسساملارنىڭ قولىدا ئابستراكت ھالدا سىزىلىۋاتاتتى. ئېگىز بىنالار، مەدەنىيەت مەيدانى، دولان دەرياسى بويى قاتارلىق ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىرقانچە پارچە دېھقانلار رەسىمى تامغا ئېسىقلىق بولۇپ، پۈتكۈل ساراي ئىچى مەدەنىيەت ھىدىغا تولغان ئىدى. دېھقان رەسسام ئەركىن مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ نەچچە كۈندە، بىز جياڭسۇلۇق سودىگەر زاكاز قىلغان 150 نەچچە پارچە دېھقانلار رەسىمىنى سىزىۋاتىمىز. ھازىرغىچە، 300 نەچچە پارچە دېھقانلار رەسىمىمىز جېجياڭنىڭ خاڭجوۋ، شاۋشىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىگە سېتىلدى.»

ئاۋات ناھىيەسى مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان رەسىملەر.

  ئاۋات ناھىيەسى دولان يېزىسى كىچىك بەشئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۈلزار تۇنىياز دېھقان رەسساملارنىڭ بىرى. گۈلزار ئەسلىدە پەقەت بىر دېھقان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئىككى جان بار ئىدى، ئىككى مو يېرىدىن بىر يىلدا نەچچە مىڭ يۈەنلا كىرىم قىلاتتى. گۈلزارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: بۇ كىرىم ئائىلىنىڭ ئاساسىي چىقىمىغا ئارانلا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ يېڭى كىيىم سېتىۋېلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتى.

  2017-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى كەنتتە «مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» دېھقانلار رەسىمى سەييارە كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى. گۈلزار كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا ئامراق بولۇپ، رەڭدار دېھقانلار رەسىملىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن يان تېلېفونىدا سۈرەت تارتىپ، بىر تەرەپتىن قولىدا سىزىپ بېقىۋېدى، تويۇقسىز كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى. دېھقانلار رەسىمى سەييارە كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، گۈلزار ئۆيىگە قايتىپ قولىغا قېرىنداش ئېلىپ، بىر دەستە قەغەز تېپىپ كېلىپ دېھقانلار رەسىمى سىزىش ئارزۇ ئىزدەش يولىنى باشلىدى.

  كۈندۈزى ئېتىز ئىشى قىلىدىغان بولغاچقا، گۈلزار كەچلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ مەشىق قىلدى. بىر قېتىم ياخشى سىزالمىسا قايتا-قايتا سىزىپ، ئۈزۈم ۋە پاختىلارنى ئاخىرى ئوخشىتىپ سىزىدىغان بولدى. 2 ئايدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، گۈلزارنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسۇلى، ماھارىتى كۆپ جانلاندى، ئۆيىدىكى كارىۋات، شىرە، كىچىك ئۈستەللەر گۈلزارنىڭ ۋاقىتلىق رەسىم جازىسى بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم سىزىپ بولغاندا، گۈلزار رەسىمگە تارتىپ ئۈندىدار ئارقىلىق مەدەنىيەت سارىيىدىكى ئەركىن مۇئەللىمنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەۋەتىپ، مۇئەللىمىنىڭ تۈزىتىش پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلىدى.

گۈلزار ئۆز ئىجادىيىتىدىكى دېھقانلار رەسىمىنى تونۇشتۇرماقتا.

  پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ. 2017-يىلى 12-ئايدا، ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيى ناھىيە مىقياسىدىن رەسىم سىزىش ئالاھىدىلىكى بار ئاممىنى تەكلىپ قىلدى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، گۈلزار ئىشەنچكە تولغان ھالدا ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىغا بېرىپ تىزىملاتتى. بىر پارچە ئاق ۋاراق، بىر رەسىم جازىسى، بىر رەسىم قەلىمى گۈلزارنىڭ ئالدىغا تىزىلغان بولۇپ، سىزىدىغان تېمىنى ئۆزى تاللايتتى، گۈلزار بىردىنلا تەمتىرەپ قالدى.

  بىر ياندا تۇرغان ئەركىن مۇئەللىم ئېڭىشىپ تۇرۇپ: «ساۋاقداش، قانداق سىزغىڭىز بولسا شۇنداق سىزىڭ، نېمىنى سىزىشنى خالىسىڭىز شۇنى سىزىڭ، جىددىيلەشمەڭ» دېدى. ئەركىن مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلزارنىڭ جىددىي كەيپىياتى پەسەيدى، ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، قولىغا رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ راۋان ھالدا ئىجادىيىتىنى باشلىدى. «ۋاقىت توشتى!» دېگەن ئاۋاز بىلەن، گۈلزار «بازاردىن نەرسە سېتىۋېلىش رەسىمى» نى سىزىپ بولۇپ، رەسىم قەلىمىنى قويۇپ، ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ، ئۇزۇن بىر تىنىۋەتتى.

گۈلزارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى دېھقانلار رەسىمى.

  بەش كۈندىن كېيىن، خۇش خەۋەر كەلدى، گۈلزار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىغا قوبۇل قىلىندى. مەدەنىيەت سارىيىغا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، گۈلزار تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندى، كەسپىي ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇنىڭ رەسىم سىزىش سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆستى. 2018-يىلى 10-ئايدا، گۈلزار سىزغان «بازار كۈنى» ناملىق دېھقانلار رەسىمى 600 يۈەنلىك باھادا جېجياڭلىق سودىگەرگە سېتىلدى.

  ھازىر، گۈلزار دېھقانلار رەسىمى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تايانچى بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ زاكازىدا گۈلزارنىڭ ئىجادىيىتى بىر قېتىممۇ كەم بولمايدۇ، تېخى ئۇ سىزغان دېھقانلار رەسىمىنى ئالايىتەن سېتىۋالىدۇ.

  گۈلزارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرگەن، رەسىم سىزغۇسى بار كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىش بويىچە قىزىقىش كۇرسىغا قاتناشتى، ئۇلار بوش ۋاقتى بولسىلا دېھقانلار رەسىمى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگەندى، ھازىر 4 كۇرسانت دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيىتى سېپىگە قوشۇلدى. گۈلزار قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، دېھقانلار رەسىمى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى