تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن

ئاقچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم نۇرشات تىلەش

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى، شىنجاڭدا ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق زور ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى سۇيىقەستىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئالداپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىق سەپسەتىلەرنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، مىسلىسىز پاجىئەلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا قارا كۆلەڭگە تاشلىدى. پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق خاتىرجەم، ئىتتىپاق زور ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدايمەن، مەسئۇلىيىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن.

  سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، يادرونى قەتئىي قوغدايمەن. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى قوغداش، يادرو بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش قەتئىيلىكىم، ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە يۈكسەك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا قەتئىي قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى زىممەمگە ئېلىپ، قەلبىمگە پۈكۈپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە شەرتسىز، كەم- كوتسىز بولۇشنى، ئۆزگەرتمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. تارىختىن بۇيان، قىرغىزلارنىڭ ۋەتەنگە سادىق ساپ قەلبى ئەزەلدىن ئۆزگەرگىنى يوق، بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۇلار تېخىمۇ باتۇر، قەيسەر بولۇپ، قەتئىي باش ئەگمەي، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، يۇرتنى قىزغىن سۆيۈشتىكى سەمىمىي خىسلىتىنى ئىپادىلەپ، چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇردى. مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر يەرلىك شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا غايەت زور غەمخورلۇق قىلدى ۋە مەدەت بەردى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئالدىدا، مەن ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، دادىل پاش قىلىپ، دادىل تەنقىدلەپ، باشلامچى قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

  مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى چىڭىتىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مەن كىچىكىمدىن «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» قاتارلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانامنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، كەمبەغەللەر باش كۆتۈرۈپ ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ياخشى كۈنلەر بولمايتتى» «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، يۇرتنى قىزغىن سۆيۈش» دېگەن تەلىمىنى ئېلىپ، قەلبىمگە «كومپارتىيە ياخشى» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى» دېگەننى پۈكۈپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قارىشى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۈلگىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىنچىكە سوراپ، ئاممىغا چىن قەلبىمدىن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامالنىڭ بارىچە ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى