تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

زور پۇرسەتنى تۇتۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ چىقايلى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «جۇجياڭ دېلتىسى» ئۇلۇغۋار پىلانى ئاخىرغىچە تۈزۈلۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ يېڭى پۇرسەت نامايان قىلىندى. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئوچۇق يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان يېڭى تەدبىر، شۇنداقلا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئەمەلىيەت. «گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان پىروگراممىسى» رەسمىي ئاشكارا ئېلان قىلىندى، بۇ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتتە گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات نىشانى، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك پىلانلانغان، مول ھاياتىي كۈچكە ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئالدىنقى قاتاردىكى قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى بوشاشماي كۈرەش قىلىش جەريانىدا قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇش ئومۇمىيەت ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتنى مەۋقە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور پىلان. دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، رايون رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتى ھازىرلاندى. يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان دۇنياۋى دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى، خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تىرەك، ئىچكىرى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە، ياشاشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تىپىك ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا بىلەن جىپسىلاشقان ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىلىدۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا يۇقىرى سەۋىيەدە قاتنىشىدىغان يېڭى سۇپا قۇرۇلىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى قۇرۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىچكىرى جايلار بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىغان، بىرلىكتە تەرەققىي قىلغان تارىخىي مۇساپە، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا كۈنسېرى سىڭىشكەن، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، ئۇلۇغلۇقى ۋە شان - شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلەنگەن تارىخىي مۇساپە. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇشى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر تەلىپى، ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات يېڭى يولى يۆنىلىشىدە ئىزدىنىشى، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىشى، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بەرپا قىلىش «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئەمەلىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، شۇنداقلا شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىچكىرى جايلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» رامكىسى ئىچىدە قەتئىي ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا ئاساسەن ئىش بېجىرىپ، «بىر دۆلەت» ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى تۈزۈم»نىڭ پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان رايون ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى ياخشى قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىشتا. چوڭ قولتۇق رايونى بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم، ئۈچ تاموژنا بېجى رايونى، ئۈچ خىل پۇل شارائىتىدا قۇرۇلىدىغان بولۇپ، خەلقئارادا ئۆرنەك يوق. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ئوچۇق يېڭى ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئالدىن يول قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتقا ماس كەلمەيدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسى ۋە قانۇن - نىزام، تۈزۈم چەكلىمىسىنى باتۇرلۇق بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» رامكىسى ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم ئامىل ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ قولتۇق رايونى ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىش تەقسىملىشى، ئىقتىدار جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنچىللاشقان، بازارلاشقان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

  «ۋاقىت قىممەتلىك، پۇرسەت غەنىيمەت.» گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ــــ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى تۆھپە قوشۇشىدىكى مۇھىم، زور پۇرسەت، گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ پۇرسىتى، چوڭ سەھىپە. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جاي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، چوڭ قولتۇق رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتۈشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى