تىيانشان تورى خەۋىرى: يۆەنشياۋ بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە يېقىنلىشىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمسار ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ھەر قايسى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى يۈەنشياۋ بايرىمىلىق قويۇلىدىغان ياڭگار، شېخو كوچا ئويۇنلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى، جىمسار بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقى 200دىن ئارتۇق كىشىنى نومۇرلارنى رېپېتىتسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى. مەشىق مەيدانىدا تەڭكەش ئەترەت ئەزالىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن داقا-دۇمباق چېلىپ، ياڭگېر ئۇسسۇلىغا تەڭكەش قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىمسار ناھىيەسى ئەنئەنىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شېخو كوچا ئويۇنىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، بۇ ئاساستا دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.