بورتالا ئوبلاستى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بورتالا دەرياسى سۇلۇق يېرى «بىنخې» باغچىسى رايونىدا ياۋا سۇ قۇشلىرىغا يەم بەرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنيەن): پۈشتەك چېلىنىشى بىلەنلا، ئاققۇ، بېلىقچى چايكا قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئۇچۇپ كېلىپ ئوزۇق ئىزدەشكە باشلىدى. شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى باسېن ئۇششاق توغرالغان بەسەي بىلەن ناننى سۇغا چېچىپ، قۇشلارنىڭ يەم يېيىشىگە زوقلىنىپ قاراپ تۇردى.
باسېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ياۋا سۇ قۇشلىرى ھەر يىلى 11-ئايدا ئۇچۇپ كېلىپ، كېيىنكى يىلى 3-ئايدا قايتىپ كېتىدۇ، ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جەمئىيىتىمىز ئەزالىرى ياۋا سۇ قۇشلىرىنى ئۇدا بەش يىل ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھەر يىلى بورتالاغا كېلىپ قىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى قىش كىرىپ ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، بورتالا دەرياسى سۇلۇق يېرى «بىنخې» باغچىسىدا تۈرلۈك سۇ قۇشلىرى تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ئوزۇق تېپىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلىدىكەن. بورتالا ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر، قۇشلارنى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ كۆزىتىشىچە، بورتالا دەرياسى سۇلۇق يېرى «بىنخې» باغچىسى رايونىدا دۆلەت تەرىپىدىن 2–دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئاققۇدىن 168ى، ئادەتتىكى ياۋا ئۆردەكتىن 159ى، بېلىقچى چايكا قاتارلىق باشقا تۈردىكى قۇشلاردىن 50ى بار ئىكەن. قۇش تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن.