تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   دۆلەت ۋە مىللەت

دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مېتېئورولوگىيە پونكىتى

تاڭگۇلا تېغى باغرىدىكى مېتېئورولوگىيە پونكىتى (1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت) .

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: شىمالىي شىزاڭدا ھەم ئېگىز ھەم يىراق بىر جاي بار، بۇ يەرنىڭ ئىسمى ئەندو. بۇ جاي تاڭگۇلا تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5200 مېتىر ئېگىزلىكتە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2.4 سېلسىيە گرادۇس. بۇ يەردە شامال كۆپ چىقىدۇ، قار كۆپ ياغىدۇ، سوغۇق ھاۋا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

   بۇ يەردە «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز » ئەندو مېتېئورولوگىيە پونكىتى بار. بۇ پونكىت دېڭىز يۈزىدىن 4800 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز دىجورنىلىك قىلىنىدىغان مېتېئورولوگىيە پونكىتى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى چېن جىنشۈي ئىلگىرى بۇ يەردە 16 يىل ئىگىلىك تىكلەپ كۈرەش قىلغان.

   يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ ئەۋلاد مېتېئورولوگىيە خادىملىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قاراۋۇللۇق قىلىپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇلار ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى، ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇقلىقىنى كۆزەتتى؛ مېتېئورولوگىيەلىك سانلارنى يېشىپ، قەدىمكى زاماندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى جۇغلىدى؛ مىليونلىغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگۈرۈشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «رەقەملىك ماكان كىتاب»ىنى يېزىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ چوققىسىدا توختاۋسىز ئىزدىنىشتەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھېكايىلەرنى قالدۇردى شۇنداقلا، ھاياتى ئارقىلىق كۈرەشنىڭ يېڭى دەۋردىكى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

   ئىلگىرى ئەندو مېتېئورولوگىيە پونكىتى توغرىسىدا دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئەندو  مېتېئورولوگىيە پونكىتى جۇڭگولۇقلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىدۇر.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دەن زېڭ نىما چۈجۇ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى