تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] «جاڭ شيا ئانا» ۋە ئۇنىڭ كۆپ مىللەتتىن بولغان بالىلىرى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «جاڭ شيا ئانا، ياخشىمۇسىز، ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز سىزنى سېغىندۇق، سالامەتلىكىڭىزدىنمۇ ئەنسىرەپ قالدۇق. خىزمەتدىشىڭىزدىن ئەۋەتكەن سوۋغاتنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، شاكىلات، بىلەيزۈك، چاچ قىسقۇچ، يەنە چىرايلىق كۆڭلەك بار ئىكەن. بىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە، ياخشى داشۆلەرگە ئوقۇشقا بارىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ شيا بۇ ئۈندىدار ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

  ئۈندىداردىكى ئۇچۇرنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى يولچى كەنت ئاھالىسى غوپۇرنىڭ بالىسى ئەۋەتكەن ئىدى.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان جاڭ شيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنرەك ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، جاڭ شيا غوپۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشقان.

  شۇ يىلى 12-ئايدا، جاڭ شيا ھاياتىغا تاقىشىدىغان چوڭ بىر ئوپېراتسىيەنى تۈگىتىپلا، «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش» پائالىيىتىگە تىزىملاتتى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ قىشنىڭ سوغۇقى ۋە پويىزنىڭ چايقىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى، لېكىن ئۇ بالدۇرراق بېرىپ تۇغقانلىشىشتا چىڭ تۇردى.

  جاڭ شيا چوڭ-كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈپ، تۇنجى قېتىم غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۇيغۇرچە سالام قىلغىنىدا، بۇ ئائىلىدىكىلەر شۇنچە ھاياجانلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، غوپۇرنىڭ بالىلىرى ئۇنى يېقىملىققىنە «جاڭ شيا ئانا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

جاڭ شيانىڭ تۇنجى قېتىم غوپۇرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇغقانلاشقان ۋاقتى.

  مېھىر-شەپقەتنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا چېچىش

  ئەمەلىيەتتە، قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاددىي ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى قىلالايدىغان جاڭ شيا بۇرۇنلا كۆپ مىللەتتىن بولغان بىر توپ بالىنىڭ ئانىسى بولغان ئىدى.

  2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، جاڭ شيا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، شېنجېن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئۈچ يىل خىزمەت قىلغانىدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى شىنجاڭلىق بالىلار بىلەن ئىزچىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ياردەم بەردى، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى، تەتىللەردە ئۈرۈمچىگە قايتقاندا، ئۇنىڭ ئۆيى يەنە بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىش-كېلىشىدىكى كۈتۈۋېلىش بېكىتىگە ئايلاندى.

  «جاڭ شيا ئانا» دېگەن بۇ سۆز بالىلارنىڭ ئۇنى چاقىرغاندا ئېيتىدىغان سۆزى بولۇپلا قالماي، بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيەسى. بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدى، جاڭ شيا ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە ئۆتۈشىگە ياردەم قىلدى؛ بىر موڭغۇل قىز ئوقۇغۇچى ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەندە، جاڭ شيا ئۆز يېنىدىن 3000 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى، قىزچاق خۇشاللىقىدىن يىغلاپ تاشلىدى، ھەمدە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى؛ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن جاڭ شيا ICU غا بېرىپ، بالىنىڭ ئامالسىز قالغان ئاتا-ئانىسىغا 1000 يۈەن پۇل بەردى.

ئارزۇ (سولدىن 2-كىشى) جاڭ شيانىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىغا قاتناشماقتا.

  مېھىر-شەپقەتنى داۋاملاشتۇرۇش

  «جاڭ شيا ئانا» نىڭ بالىلىرى بەك كۆپ، مېھىر-شەپقەت بىلەن ئۆسۈپ-يېتىلگەن بۇ بالىلار بۈگۈنكى كۈندە كۈچ ئۇلاش تاياقچىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مېھىر-شەپقەت يولىدا جاڭ شيا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۈگۈرمەكتە.

  ئالىمجان جاڭ شيانىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ پەيزاۋات ناھىيەسىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، بۇ جەرياندا غوپۇرنىڭ ئىككىنچى قىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش، سوۋغات سېتىۋېلىپ غوپۇر ئائىلىسدىكىلەرنى يوقلاش ئالىمجاننىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئەڭ ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشى.

  غوپۇر ئائىلىسىنى دائىم يوقلايدىغانلاردىن ئارزۇ ئىسىملىك يەنە بىر قىز بار. ئارزۇ ئىلگىرى ئوقۇشتىن توختىماقچى بولغىنىدا، جاڭ شيا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىگە ئۆتكەنىدى.

  خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدىكى ئۇ ئۆزى بىلەن «جاڭ شيا ئانا» نىڭ مېھىر-مۇھەببەت مۇساپىسىنى مۇنداق بايان قىلدى: مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك، ئانامغا ئوخشاش جاڭ شيا مۇئەللىمنى ئۇچراتتىم. ئۇ ماڭا روھىي جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشۈمگە، كىشىلىك تۇرمۇش غايەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى مېنى تەسىرلەندۈردى، ماڭا تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ غوپۇر ئائىلىسىدىكىلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، كۆڭلۈمگە خاتىرىلىدىم. غوپۇر ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئاللىقاچان مېنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىمغا ئايلاندى!

  جاڭ شيانىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتى يورۇق چىراغقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپلا قالماستىن، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش يولىنى يورۇتتى، ھەر مىللەت بالىلار گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، توپلاشقاندا يالقۇندەك، تارقالغاندا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇر چاچماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى