تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

نىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئېزىز ئېلى

  مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، مەن ۋەتىنىمنى قىزغىن سۆيىمەن، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيىمەن، بۇ گۈزەل مۇنبەت تۇپراقنى قىزغىن سۆيىمەن. شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، قەدىمدىن تارتىپ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ مىللەت ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن يۇرت-ماكان. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي پاكىتلارغا كۆز يۇمۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا پەرۋا قىلماي، ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، ھەدەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، بارلىق زامانىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى چەتكە قېقىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارىتا بىز دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇر-ئۇرغا قالدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، بىزنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  چەكسىز ساداقىتىم بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەشتە ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بىلەن قەلبداش بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە قەتئىي مۈجمەل بولمايمەن، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشۇمنى بىردەك، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۈلگىلەردىن بولۇپ، قەتئىي چېكىنمەي، قەتئىي يول قويماي، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلماي، ھالقىلىق پەيتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمايدىغان، سۆز-چۆچەك، پىتنە-ئىغۋالارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. باشتىن-ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشمەي، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بۇرمىلىغان تارىخ، ئويدۇرۇپ چىقارغان بىمەنە سەپسەتىلەرنىڭ زەھىرىنى تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈلگىلىك رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى تازىلاشقا، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، چىن كۆڭلۈم، ھەقىقىي ھېسسىياتىم، سەمىمىيىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاپ، مۇھەببىتىم بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، سەمىمىيىتىم بىلەن كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. مەن باشلامچىلىق بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان جانلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى