تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئىشچانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ

− «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقىت بىلەن خوشلىشىشىغا كۈچ قوشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋشيۇڭ

  چاغان پۇرىقى تېخى تارقىلىپ كەتمىگەن، ھاۋا يەنىلا سوغۇق بولسىمۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى كەڭ يېزا ئىگىلىك-چارۋىچىلىق رايونلىرى تەدرىجىي ئالدىراش مەزگىلگە قەدەم قويدى، شىنجاڭدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما تېخنىكا-ماھارەت ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، زاۋۇت، پارنىكلارغا كىرىپ، ئېتىز، باغلارغا بېرىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق قىشتىكى ئارىسال ۋاقىت بىلەن خوشلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىرادىسى بىلەن «يىلنىڭ ئىشى باھاردىن» دېگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

   تەربىيەلەپ توك تولۇقلاش بىلەن ئالدىراش بولۇش

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتى يېقىندىن بۇيان بەك قىزىپ كەتتى، كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى تېخنىكا-ماھارەت ئىگىلىتىپ، تېز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسىپلەشكەن، كۆپ خىللاشقان تېخنىكا- ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كىيىم-كېچەك تىكىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا، شىنجاڭ سانائەت-ئىقتىساد مەكتىپىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىيىم لايىھەلەش، پىچىش، تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى، نامرات ئاھالە مەريەم تۇرسۇن خۇشال كەيپىياتتا بىر پارچە رەختكە پىنجەكنىڭ شەكلىنى سىزدى ھەم ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئوقۇتقۇچىسىغا ئەگىشىپ پىچىپ، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا تىكىپ، كۆپ يىلدىن بۇيانقى تىككۈچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتتى.

  ياندىكى پېچىنە پىشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا، پېچىنە-پىرەنىك دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ھاجىرەم ئەمەت بىر نەچچە ياشقا پېچىنە پىشۇرۇش ھۈنىرىنى ئۆگىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «ئىلگىرى قىشتىكى ئارىسال چاغلاردا قىلىدىغان ئىش يوق ئىدى، ھازىر كۈندۈزى ئۇلار مەندىن پېچىنىگە گۈل چىقىرىش، پېچىنە پىشۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ، كەچتە كۆپچىلىك دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدا بىرلىكتە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىدۇ، كۈنلىرى بەك مەنىلىك ئۆتىدۇ».

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى كىچىك تۇپا كەنتىدە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزگىچە بىر مەيدان «ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش» باشلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 23 ئاھالە پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى تونۇشتۇردى، بەزىلىرى كىرىم ھېسابات ئۇسۇلىنى ئالماشتۇردى، يەنە بەزىلىرى ئۆزى ئىلگىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇۋاتقان 1-شۇجى جوۋ جيې مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى مىسال قىلىپ سۆزلەتكۈزۈش كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ بېيىش تەپەككۇرىنى تارقىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ئەتىياز پەسىللىك ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇش

  ئەتىگەندىلا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قۇمۇشئېرىق يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياقۇپجان مەخمۇت كەنتتىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا ئۇرۇقلۇق تاللاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، گۈرۈلدەۋاتقان ھاۋا سۈمۈرگۈچلۈك مايسا تېرىش سېيالكىسى خىللانغان كۆكتات ئۇرۇقلىرىنى مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىسىگە تېرىۋاتاتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئۇرۇقلۇقلار 20 كۈندىن كېيىن يېتىلىپ مايسىغا ئايلىنىپ، چوڭ پارنىكقا كۆچۈرۈلىدىكەن.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، كەنت ئاھالىلىرىگە مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكا- ماھارىتىنى ئىگىلىتىشكە تۇتۇش قىلىپ، مېۋە، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش كەسپىنى يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندۇردى.

  «قىش-ئەتىياز ئارىلىقى پەسىلسىز كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل، كەنتتىكى ئىككى ئۆلچەملەشكەن مېۋە، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن قىلىدىغان كىرىمىنى %30 ئەتراپىدا كۆپەيتەلەيدۇ». كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، كىرىمنى كۆپەيتىدىغان پەسىلسىز كۆكتات تېرىش ۋە ئورگانىك تېرىق، ھويلا ئۈزۈمى قاتارلىق تۈر تېخنىكىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەيمىز».

  خوشۇت ناھىيەسىنىڭ چۇقۇ بازىرى كونىشەھەر كەنتى تۆگىقۇشى باقمىچىلىقى رايونىدا، نەچچە ئون تۆگىقۇشى ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، كەنت ئاھالىسى لى رېنجېن تۆگىقۇشى قوتىنىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرۇۋاتقاندىن بۇيان، ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران، باقمىچىلىق رايونى ئىچىدە ئۆزگىچە ئەتىۋارلىق قۇش، چارۋا باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بەردى.

  لى رېنجېن بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەندۇڭ، خېبېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆگىنىپ، تۆگىقۇشى بېقىشنىڭ قولايلىقلىقى، ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار پايدىسىنىڭمۇ نىسبەتەن كۆپ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇلتۇر 10-ئايدا، 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ، 26 تۆگىقۇشى سېتىۋالدى، «ھازىرقى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۆلچەرىمچە بۇ يىل ھەربىر تۆگىقۇشىدىن 5000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئېلىشىم مۇمكىن».

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ خەيچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھېسابات قىلىپ، ئۆزگىچە يولدا مېڭىپ، ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىچە ئەتىۋارلىق قۇش باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللايمىز».

    ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇش

  كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرى توقۇمىچىلىق سانائەت رايونىدىكى شىنجاڭ خوتەن جۇڭتەي دۇڭجەن كىيىم- كېچەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىغا كىرسىڭىز، 1300دىن ئارتۇق كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، ئوخشاش كىيىنگەن ئايال ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە رەتلىك، تەرتىپلىك ھالدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

  «شىركەت بىلەن كەنتنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىرلا كېلىدۇ، ھەر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەن ئۆيگە قايتىپ بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن» دېدى قېتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايگۈل ئوسمان كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا ماھىرلىق بىلەن مەشغۇلات قىلغاچ، زاۋۇتتىن قىلىدىغان ھەر ئايلىق 1500 يۈەن كىرىم بىلەن ئۇ قىشتىكى ئارىساللىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىقتىن يىراقلاشتى.

  نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قېتىچى كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئايال ئەمگەكچىلەر كۆپ بولۇش، لېكىن سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىقتەك ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، جياڭسۇ دۇڭجەن گۇرۇھى توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ كىيىم-كېچەك شىركىتى قۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  خوتەن شەھىرىدىكى خۇەنخۇ كەچلىك بازىرىدا قورۇما تۈرلىرى مول، سەنئەت نومۇرلىرى كۆپ خىل بولغاچقا، نۇرغۇن ساياھەتچى تاماق يەپ، كۆڭۈل ئېچىشتا ئالدىن تاللايدىغان جايغا ئايلاندى. بىر ئاي ئىلگىرى شۇ ئەتراپتىكى تۇساللا بازىرى يۈخې كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نامرات ئاھالە تۇراننىسا مەمتىمىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كەچلىك بازاردا سېرىقئاش يايمىسى ئاچتى، «مەن ئەتكەن سېرىقئاش بەك ئوخشايدۇ، نۇرغۇن كىشى ئۇنى ھاراققا زاكۇسكا قىلىدۇ، سېرىقئاش تىجارىتىمنى ھەر كۈنى سەھەرگىچە داۋاملاشتۇرۇپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلىمەن» دېدى تۇراننىسا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  «ئىشچان باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ <كۈتۈش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش> ئىدىيەسىنى تۈگىتىش نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى». ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتىدىن يۈخې كەنتىدە تۇرۇۋاتقان 1-شۇجى ۋاڭ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر كەنت ئاھالىلىرى تەبىئىي مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قاشتېشى قېزىپ ھايانكەشلىك قىلىپ بېيىمايدىغان بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى راۋان پۇتۇڭخۇانى قورال، پىشقان تېخنىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، سىرتلارغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغا قەدەر، خىزمەت ئەترىتى 676 كەنت ئاھالىسىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۇدۇللاشتۇردى، ئىش ئورۇنلىرى ئامانلىق قوغدىغۇچى، مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، مېھمانخانا تازىلىق ئىشچىسى، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىملىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى