2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۇلانمۇچىر ئويۇن قويۇش ئەترىتىدىكى ئارتىسلار چاغانكۆل يېزىسى دولانتى كەنتىدە ئويۇن قويماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خې چېڭچياڭ، سۇڭ شيا): «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز — مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش»پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى ھەرقايسى جايلاردىكى ئەدەبىيات–سەنئەت ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆرگەزمە، ئوقۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت مۇلازىمەت تۈرلىرى، شۇنداقلا يېزىلاردا كىنو قويۇش قاتارلىق ھەر خىل ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت يېنىك ئاتلىق ئەسكىرى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ئۇلانمۇچىر ئويۇن قويۇش ئەترىتى ھەربىي گازارما، مەھەللە، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش-يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى.