تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ ئەمما ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتسە......

   
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. ناۋادا بالىلاردا ئىشتىھاسى زىيادە ئېچىلىپ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: بالىلاردا قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنىڭ  كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى بىر خىل بولمايدۇ، ئېغىر-يېنىكلىك پەرقىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەدەن ئەھۋالى، يۈرۈش-تۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرىگە دىققەت قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن سىرت، بالىلاردىكى قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، داۋالاشتىن كېيىن قەرەللىك ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىشتىن باشقا ، ئائىلىدە پەرۋىش قىلىشتىمۇ ئىككى جەھەتكە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، پىسىخىكىلىق ئارىلىشىش. قالقانسىمان بەز خىزمىتى ئېشىپ كەتكەن بالىلاردا دائىم تېرىكىش، قايناش، تەشۋىشلىنىش، دىقققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاتا-ئانىلار تىببىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بالىلارغا سەۋىرچانلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىكى ئەندىشىسى ۋە بېسىمىنى تۈگىتىپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشتىكى پەرۋىش جەھەتتە، بالىلارنى تۆۋەن يودلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇپ، جىددىي ھەرىكەت قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى