تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ‏ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

      2-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوشۇت ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مېڭ خەييەن بىلەن كۆكتات تېرىش چوڭ ئائىلىسى تاڭ جاۋشيەن بىرلىكتە سەي كاۋىلىرىنى ئۈزمەكتە.

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز شاۋ شىلەي، جيا خۇڭمىڭ، مېڭ خەييەن خەۋىرى، فوتوسى: 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللىسىدىكى تاڭ جاۋشيەن پارنىكىدا سەي كاۋىلىرىنى ئۈزدى.

  ئۇ سەي كاۋىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىر پارنىكتىن قىلىنغان كىرىم 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كېيىن مەن يەنە يېڭىدىن ئىككى پارنىك ياسىدىم، بۇ يىل ئىككى پارنىكقا سەي كاۋىسى، بىر پارنىكقا قىشلىق كاۋا تېرىدىم. ھازىر سەي كاۋىلىرى بازارغا سېلىندى، سەي كاۋىسىنىڭ توپ باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئۈچ يۈەن، ھوسۇل ئېلىش ئەمدى باشلاندى، بۈگۈن بۇ پارنىكتىن 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق كاۋا ئۈزدۈم. قاراڭ بۇ سەي كاۋىسىغا، سۈپەتلىك ھەم چىرايلىق، ھازىرقى ھوسۇل مىقدارى ۋە ئېشىش يۈزلىنىشىگە قارىسام، بۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىشقا ئىشەنچىم كامىل.

  خوشۇت ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تاغارچى بازىرى شياۋكاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن لىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىمىز مەھەللە تەۋەلىكىدە پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى مەۋقە قىلىپ، دېھقانلارنى پارنىكتا كۆكتات تېرىش بويىچە ئالتە قېتىم تېخنىكىلىق تەربىيەلەپ، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتىن تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارغا ياردەم بەردۇق. نۆۋەتتە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، بۇ مەھەللىدىكى پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان قىسمەن ئائىلىلىكلەر تېرىغان كۆكتاتلار «ئالدىن» بازارغا سېلىندى، كىرىم كۆرۈنەرلىك بولدى.

  تاڭ جياۋشيەن مەھەللىدىكى كۆپ قىسىم دېھقانلارغا ئوخشاش، گەرچە 10 نەچچە يىللىق پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرالمىغانىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامال ئويلاشقا باشلىدى.

خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرىنىڭ شياۋكاڭ مەھەللىسىدىكى كۆكتات پارنىكلىرىدا، سەي كاۋىسى ئالدىن بازارغا سېلىندى.

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا، تاڭ جياۋشيەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارنىكتا چەيزە، كۇگۇا، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى تېرىش ۋاقتىدىن بىر ئاي ئەتراپىدا بۇرۇن ئىدى. پەرۋىش قىلىش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆپ قېتىم باشقا جايلاردىن پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش مۇتەخەسسىسلىرىنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ھازىر، شياۋكاڭ مەھەللىسىدىكى سەي-كۆكتات پارنىكلىرىدا چەيزە، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەھەللىدە پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىدىغان 60تىن ئارتۇق ئائىلە بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ئۈچ مو پارنىك توغرا كېلىدىكەن، ھوسۇل ئېلىنغان كۆكتاتلار ئاساسلىقى كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە سېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى