تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەركىن ماخمۇت

  مەن بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا- ئانام ماڭا مېنىڭ بىر جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز پايتەختىنىڭ بېيجىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. شۇ چاغدىن باشلاپ، مەن پايتەختىمىز بېيجىڭغا تولىمۇ تەلپۈنىدىغان بولدۇم. 2016- يىلى 9- ئايدا، تەشكىل مېنى بېيجىڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، مەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا باردىم، شۇ چاغدا كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى، قەلبىم ئىنتايىن ھاياجانغا تولدى.

  مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى، مەن كوممۇنىزمغا ئېتىقاد قىلىمەن، مەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايمەن، مەن مۇسۇلمان ئەمەس. ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە، بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  باشتىن-ئاخىر ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن يوچۇق ئېچىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز جەزمەن ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزاسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇشىمىز كېرەك. خاتا ئىدىيەگە رەددىيە بېرىش كۈرىشىدە ھەرگىز سۈكۈتتە تۇرماسلىقىمىز، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتە پوزىتسىيەنى يوقاتماسلىقىمىز، تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز؛ ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلا دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى باشتىن- ئاخىر بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگو، بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  باشتىن-ئاخىر ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرىمەن. بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسى ۋە ئىشلىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، مەردانىلىك بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ تارىخىنى ئېنىق سۆزلەپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم تارىخىي پاكىتلار، مۇھىم نۇقتىئىنەزەرلەرنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. قاراتمىلىقى بولغان لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەقىقىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىنى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قەلبنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  باشتىن-ئاخىر مىننەتدارلىق تەربىيەسىدە چىڭ تۇرىمەن. پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. مەن ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، ئاممىنى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمەن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە قېرىنداشلاردەك ئۆتۈشىگە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بىر مەقسەتتە بولىدىغان، بىرلىكتە كۈچەيدىغان قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى