تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارت باتۇرلىرىدىن بولىمەن

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئابلىمىت ھەبىبۇللا

  مەن بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ بىر پارتىيەلىك كادىر بولدۇم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئالغاچقا، مەن ۋە مېنىڭ ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرىم ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق. پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولسۇن؟

  لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىپ، بىگۇناھ ئاممىنى خالىغانچە ئۆلتۈردى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ۋاپاغا جاپا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەزىلىرى ئېتىزدا تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ، بەزىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتىدۇ، تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا؛ ئاياللار مودا، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ سىرتقا چىقىپ، خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ، ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا يېرىم دۇنيالىق رولىنى ئوينىماقتا؛ ئوماق بالىلارنىڭ ھەممىسى كەڭ، ئازادە، يورۇق، زامانىۋىلاشقان دەرسخانىلارغا كىرىپ ئولتۇرۇپ، ئىلغار پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكتە... ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا بولغان؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشى قەتئىي، كەسكىن بولدى، نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باتۇرلۇق بىلەن باشلامچى بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىمەن ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇساپىسىدە، تىرىشىپ ئاۋانگارت باتۇرلاردىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى