2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ بېيبېي رايونى چېڭجياڭ بازىرى ۋۇيى كەنتىدە يىڭخۇا گۈلى سەيلىسى قىلماقتا.
باش باھار مەزگىلىدە، بېيبېي رايونىنىڭ ۋۇيى كەنتىدىكى يىڭخۇا گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى. ۋۇيى كەنتى بېيبېي رايونى چېڭجياڭ بازىرىنىڭ ئىقتىسادىدىكى مېۋە تېرىش ۋە يېزا، كەنت ساياھەتچىلىك ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئالاھىدە كەنت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭجياڭ بازىرى يېزا، كەنت ئىستراھەت ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (چىن تىڭفۇ فوتوسى)