تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش 1- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى باش جىلغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى پەخىردىن پەرھات

    شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىرلىككە كېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

    مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا قىسىم چوڭ قورۇسىدا تۇرمۇش كەچۈردۈم، ھەر مىللەت قولۇم- قوشنا ۋە دوستلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئورتاق ئۆگىنىپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزئارا ياردەملەشتۇق، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزئارا ئىلھام بېرىشىپ، ھېيت- بايرام كۈنلىرى ئۆزئارا يوقلاشتۇق. 2003- يىلى مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشتىم، قىسىمنىڭ تەربىيەلىشىدە مەن يەنە شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئالغا بېسىشىم تېخىمۇ بولمايتتى.

    2016- يىلى، مەن شەرەپ بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم، بۇ بىر يىل ماڭا تېخىمۇ ھەقىقىي ھالدا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئامما بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، جاسارەت بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىز جەزمەن قەتئىي قارشى تۇرىمىز! «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە! بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەدە تەۋرەنمەي، بوشاشماي چىڭ تۇرىمەن. مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن، باشلامچىلاردىن بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىمەن، بولۇپمۇ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تازىلاشنى ئۆزۈمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا قەسەم قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.

    مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى