تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەقىقىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى ئابلىكىم ئابدۇللا

    شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئولتۇراقلاشقان، ياشىغان، كۆپەيگەن جاي. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلق باشتىن- ئاخىر قان قېرىنداش بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ ۋە قوغداپ كەلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ئورتاق ئاچتى ۋە گۈللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

    مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، چوڭقۇر، قويۇق دوستلۇق ئورناتقان. نۇرغۇنلىغان دوستلىرىم بىلەن ھازىرغىچە داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن، ھېيت- بايراملاردا ئۆزئارا مۇبارەكلىشىپ، سالام يوللىشىمىز. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئوقۇشۇمنى غەلىبىلىك تاماملىدىم. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھەربىر قەدىمىمنىڭ پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى بۈگۈنكى مېنى يېتىشتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە مەن شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى بولمايتتى.

    «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت» «دىن»نى دەستەك قىلىپ، تارىخنى خالىغانچە بۇرمىلاپ ۋە ئۆزگەرتىۋېتىپ، ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ماجىرا تۇغدۇرۇپ، ئادىمىيلىكنى يوقاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بىر مەيدان سىياسىي كۈرەش، «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئۈزۈل- كېسىل يوقاتمىغۇچە قەتئىي بولدى قىلمايمىز.

    مەن مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن. چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلەردىن بولىمەن.

    بۇ يەردە مەن شۇنداق كەسكىن ۋەدە بېرىمەنكى: مەن سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاشكارا، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىمەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن، باشلامچىلىق بىلەن تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىدارىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى