تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
شۆھرەت زاكىر ،شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، جى جېڭ، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش تۈر پىلانى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى قاتارلىق ئالتە تارماقنىڭ 2018- يىللىق تارماقلار خامچوت ئىجراسى ھەم باشقا مالىيە كىرىم- چىقىم ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش بويىچە تۈزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ- خەتىرى قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مۇھىت ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور تۈرلەردە نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ سىياسەت سىستېمىسى ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ ھالقىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاجىز ھالقىلاردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا سېلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش- يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى سېلىنمىنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مالىيەنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوت نەتىجە- ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كارخانىلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ يۈرگۈزۈلۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ تولۇق قاپلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەكىل- ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ تولۇق قاپلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش تۈر پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك ئۈنۈم ئېففېكتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.