تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەت، دىن، تاشقى ئىشلار، جۇڭگولۇق چياۋمىنلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكبەر ھەيدەر

    شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى.

    ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «ئىككى پان» ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھەدەپ تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئالدىدا، مەن تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتى قىلىمەن.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ پارتىيەگە سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، مەن پارتىيە بولمىسا شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايمەن؛ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا مېنىڭ بۈگۈنۈمنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە كىرگەن چاغدىكى قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، ھەرگىز ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى» بولمايمەن، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمايمەن، ھەرگىز «كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان» ئىشنى قىلمايمەن، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن.

    دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن- ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولىمەن، قەدەمنى بىردەك ئالىمەن. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، «ئادەتتىكى چاغدا پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھايات- ماماتلىق پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان» مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق ئۈلگىلەردىن بولىمەن، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن. قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن.

    مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يول قويۇشى، زوقلىنىشى، ئۆگىنىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى خىزمەتچىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا ئۈلگە بولىمەن، تەسىر كۆرسىتىمەن، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇپ، ئىتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى