تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىرادىلنىڭ چاغانلىق ئارزۇسى

مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، گاۋ ۋا

    «ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە بىز تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىش تەرتىپىنى سۆزلىگەنىدۇق، قايسىڭلار كونكرېت مەزمۇنىنى سۆزلەپ باقىسىلەر؟»

    «تاۋباۋ ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، چىقىمداننى قوزغىتىپ، تاۋارنىڭ نامىنى كىرگۈزىمىز، ئاندىن دۇكاننى تاللاپ، پۇل تۆلەيمىز، مالنى تاپشۇرۇۋېلىپ باھا يازىمىز.»

    1- ئاينىڭ 5- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سىنىپىدا، تەربىيەلەنگۈچى مىرادىل پۇتۇڭخۇادا راۋان سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. مىرادىلنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى تور دۇكىنى ئېچىپ، يۇرتىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق سېتىش ئىدى.

    «ئىلگىرىكى ئۆزۈمنى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك ھېس قىلدىم»

    22 ياشلىق مىرادىل ئىلگىرى بىر مېھمانسارايدا ئاشپەز ئىدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان ئۈن- سىن بۇيۇملىرىنى دائىم ئاڭلىغاچقا، كۆرگەچكە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان. «ئەينى چاغدا، كاللامدا پۈتۈنلەي جەننەتكە كىرىشنىلا ئويلايتتىم، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنى چەتكە قاققانىدىم، يەنە دائىم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالاتتىم، قىز دوستۇم بىلەنمۇ ئايرىلىپ كەتتىم.» دېدى مىرادىل.

    2017- يىلى7- ئايدا، مىرادىل يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ تەربىيەلەندى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆگەنگەن ماھارەت دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئىگىلەش بولدى.

    مۇخبىرلار تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ۋاراقلاپ كۆردى، ھەربىر تېكىست قىسقا بولۇپ، مەزمۇنى ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قاتناش بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، بەزى تېكىستلەرنىڭ باش پېرسوناژى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان «ئابدۇل» «گۈلى»لەر بولۇپ، ھەم ئاممىغا ئىنتايىن يېقىنلاشتۇرۇلغان، ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، مىرادىلنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 3000 دىن كۆپرەك خەتنى يازالايدىغان بولدى، بۇ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشىگە ئاساس سالدى. «مەن ھازىر دائىم كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ كىتاب ئوقۇيمەن، كىتابتىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندىم، تېخىمۇ كەڭ دۇنيانى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم».

    دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش مىرادىلغا دۇنيانى بىلىش كۆزنىكى ئېچىپ بەردى. قانۇن- بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىنىش ئۇنى ھەق- ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. «مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم» دېدى مىرادىل.

    «بىر مەيدان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز»

    بىلەكتە توپ ئېلىش، پاس بېرىش، توپ باشلاش، توپنى توسۇش... 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن پائالىيەت دەرسى بولۇپ، مەيداندا مىرادىل باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە يۈگۈردى، توپ ئوينىدى، مەيدان ئىنتايىن قىزىپ كەتتى.

    «مەن ۋالىبول ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، بۇ ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئېڭى يېتىلدۈردۈم. بىر كوللېكتىپ ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا غەلىبە قىلالايدۇ، خۇددى بىز ھەر مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا ئوخشاش.» مىرادىلنىڭ ئېيتىشىچە، تەلىم- تەربىيە مەركىزى دائىم لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسى، ناخشا- ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇ ھەر قېتىم ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىكەن.

    تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، شاھماتخانا، ساتىراشخانا، مەشىق ئۆيى تەل ئىدى. مىرادىلنىڭ ئېيتىشىچە، تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو شاھمىتى، قورشاۋ شاھمات ئويناشنى ئۆگىنىپتۇ. «ئىلگىرى جۇڭگو شاھمىتى، قورشاۋ شاھماتنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ قاراپ، ناھايىتى چەتكە قاققانىدىم. ھازىر ئويلىسام، ئەينى چاغدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن بىخۇدلىشىپ كەتكەچكە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىم تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنتۇق».

    مىرادىل ماڭغاچ بوش ئاۋازدا ناخشا ئېيتتى، ئۇنىڭ ياشلىق چېھرىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. «بىز بىر مەيدان كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلايدۇ، ئون نەچچە نومۇر بار» دېدى مىرادىل پەخىرلەنگەن ھالدا.

    «ئىلگىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى مېنىڭ ئىدىيە، ھەرىكىتىمنى كونترول قىلىۋالغاچقا، قائىدىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلغانىدىم، مەسىلەن، تويغا قاتناشقاندا ناخشا ئېيتماسلىق، ئۇسسۇل ئوينىماسلىق قاتارلىقلار، ئۆزۈممۇ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن ئاز قاتنىشاتتىم. ھازىر تۇرمۇشنىڭ ئەسلىدە مول، رەڭدار، مەنىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم، ھازىر ناخشا ئېيتقۇم كەلسە ناخشا ئېيتىمەن، ئۇسسۇل ئوينىغۇم كەلسە ئۇسسۇل ئوينايمەن» دېدى مىرادىل.

    «مېنىڭ بىر تور دۇكىنى ئاچقۇم بار»

    ئىدىيە قاراشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مىرادىل يېڭى شەيئىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. يېقىندا، تەلىم- تەربىيە مەركىزى ئېلېكتىرونلۇق سودا دەرسى تەسىس قىلدى، مىرادىل تۇنجى بولۇپ تىزىملاتتى. «مېنىڭ بىر تور دۇكىنى ئېچىپ، يۇرتىمىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تور ئارقىلىق ساتقۇم بار، بۇ، مېنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم» دېدى مىرادىل.نىشانى بولغاچقا، مىرادىل دەرسنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئاڭلىدى. 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا دەرسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تور دۇكىنى ئېچىش پىلانىنى ئېلىپ قەمىرىيە يالقۇن مۇئەللىمنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمە ۋە ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.

    بۇ تور دۇكىنى ئېچىش پىلانىدا مىرادىل يۇرتىنىڭ ياڭاق، چىلان، ئانار، يەرلىك تۇخۇم قاتارلىقلارنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش يازغانىدى. ئەتراپتىكى بىرقانچە تەربىيەلەنگۈچى بەس- بەستە كېلىپ ئورىۋېلىپ، «مىرادىل، بىزنىڭ يۇرتتا يەنە كەپتەر تۇخۇمى، ئەنجۈر بار، تور دۇكىنىنى بىرلىكتە ئاچايلى، بولامدۇ؟» دېدى.

    «بولىدۇ!» دېدى مىرادىل ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن جاۋاب بېرىپ. مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئاز- ئازدىن مۇكەممەللەشتۈردى.

    شۇ كۈندىكى دەرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مىرادىلنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقتى بولدى. ئۇنىڭ ئۆيى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسىنىڭ يۇقارقى كۆكچى كەنتىدە ئىدى، كەنتكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى جاڭ ۋېينى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا دەرسىنى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، تور دۇكىنى ئېچىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.

    «ھازىر كەنتىمىزدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرى جىددىي كەمچىل، سەن ياخشى ئۆگەن، بىز سېنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز» دېدى جاڭ ۋېي ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ.

    جاڭ ۋېي بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، مىرادىل خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتتى. تۈپتۈز كەتكەن يېزا ماي يولىدا كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى