بەزى ياشانغانلار بەك قاتتىق يىقىلىپ كەتمىسىمۇ، يوتا سۆڭىكى، بويۇن سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇ دەل سۆڭەك شالاڭلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت. دەسلەپكى مەزگىلدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشتا بەل تېلىپ ئاغرىيدىغان بولغاچقا، ئاسانلا كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىدۇ، ئەمما كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا، مۇنداقلا چۈشكۈرۈپ قويۇشمۇ سۆڭەك سۇنۇشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەر ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ، كۆپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن، ياش چېغىدا ئاساسنى پۇختا سالسا، ياشانغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن.
ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق چاغلىرىدا سۆڭەكنىڭ سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، قېرىغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش ئېھتىماللىقى شۇنچە تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا، كىشىلەر ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، كالتىسىي ماددىسىنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىشى، بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سۈمۈرۈش ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلىشى كېرەك ئىكەن.
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلار سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ھېچقانداق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمايدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا ئىكەن. سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مۇۋاپىق ھەرىكەت ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھەرىكەت سۆڭەكتىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ئېغىرلاپ كېتىش ئەھۋالىنى پەسەيتىدىكەن. ئاپتاپتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، ۋىتامىن D نىڭ بىرىكىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)