پۈتۈن شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 3 مىليارد 616 مىليون يۈەنگە يەتتى
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىيەن لېي، تاڭ چى خەۋىرى فوتوسى): 2019-يىللىق چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى تولىمۇ رەڭدار بولدى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 11مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33 ئاشقان، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 3 مىليارد 616 مىليونغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئاشقان، ساياھەتچىلەرنىڭ كىشى بېشى ئىستېمالى 1200.65 يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر 2مىليون 181مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.78 ئاشقان. باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 830 مىڭ مىليون 100 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.85 ئاشقان.