ھەرىكەتتىن كېيىن، بەدەننىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىكەن.
بىرىنچى، ئېغىر ھەرىكەت قىلغاندا، مۇسكۇل گىلوكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشى تېزلىشىپ، ئوكسىگېن سەرپىياتى ئېشىپ، مۇسكۇلنى ۋاقىتلىق نىسپىي ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مۇسكۇل گىلوكوگېنى پىرۇۋىك كىسلاتا ئارقىلىق لاكتىك كىسلاتاغا ئايلىنىپ مۇسكۇلغا يىغىلىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى، ئوكسىگېنسىز ھەرىكەت قىلغاندا، گىلۇكوزا ئېچىپ كۆپ مىقداردا لاكتىك كىسلاتا قاتارلىق ئارىلىق مېتابولىزم ھاسىلاتىنى پەيدا قىلىدۇ، نەپەس ئارقىلىق سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىلمىغاندا، لاكتىك كىسلاتانىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، زىيادە كۆپ لاكتىك كىسلاتا مۇسكۇلدا ئاغرىش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، كېچىكىش خاراكتېرلىك مۇسكۇل سىرقىراپ ئاغرىش مۇسكۇل تالالىرىنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئادەتتە ھەرىكەتتىن كېيىنكى 72~24 سائەت ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ئاغرىيدۇ.
تۆتىنچى، سىرقىراپ ئاغرىش كۈچلۈك بولسا، بۇ ھەرىكەتنى خاتا ئىشلىگەنلىكنىڭ ياكى زىيادە ھەرىكەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە ياكى يەنە مەلۇم جەھەتتىكى مەشىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى