تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ۋاننىدا يۇيۇنغاندا...

  تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىن دەرھال ۋاننىدا يۇيۇنغاندا، بەدەندىكى تەر، كىر، ھەرخىل باكتېرىيەلەر سۇدا ئارىلىشىپ، ۋاننا ئىچىنى بەئەينى «داشقايناق»قا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. چۈنكى، ۋاننا ئەسلىدىنلا كىرنىڭ «يوشۇرۇنىدىغان جايى» ھېسابلىنىدىكەن. سۇ كىرىش ئېغىزى، سۇ چىقىرىۋېتىش ئېغىزى، تۇرۇبا يولى ئۇلىنىش بېشى ئورنى قاتارلىق ئاسان سۇ يىغىلىپ قالىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسى باكتېرىيە ۋە مىكرو ئورگانىزملار ئاسان پەيدا بولىدىغان جاي بولۇپ، ۋاننا ئىچىدىكى نەم ئىسسىق مۇھىت باكتېرىيە ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلايدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: ۋاننىدا ئارىلاپ يۇيۇنۇشقا، بەدەننى راھەتلەندۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما، ۋاننىدا يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال بەدەننى پاكىز چايقىۋېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئادەم بەدىنىدىكى كىرلارنى ۋاننا ئىچىگە  ئېلىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە ۋاننىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، قەرەللىك ھالدا مىكروبسىزلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

يەر شارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى