ياپونىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، «يېرىق كالپۇك بېلىق» دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز بېلىقى ئەينەكتىكى ئۆزىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. بۇ، بېلىقلاردىمۇ شىمپەنزە، پىل، دېلفىن ۋە قاغا قاتارلىق ئاز ساندىكى ھايۋانلاردىلا بار بولغان بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
«يېرىق كالپۇك بېلىق» تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندا ياشايدىغان بىر خىل كىچىك بېلىق تۈرى، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇلار چوڭ بېلىقلارنىڭ تېنىدىكى پارازىت قۇرت قاتارلىقلارنى تازىلايدىغان بولۇپ، يەنە «دوختۇر بېلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەتقىقاتچىلار سۇ كۆلچىكىنىڭ تېگىگە ئەينەك ئورنىتىپ، «يېرىق كالپۇك بېلىق»لارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىككى-ئۈچ كۈندە ئەينەكتە كۆرۈنگەن بېلىقنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش تۈر دەپ قاراپ، ئەينەكتىكى ئۆزىگە ئېتىلغانلىقىنى، ئەمما ئەينەكتە كۆرۈنگەن بېلىقنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا بىلگەنلىكى ھەم ئەينەكتىكى ئۆزىنى پات-پات كۆزەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىل ئۆزىنى تونۇش جەريانى شىمپەنزە بىلەن تولىمۇ ئوخشىشىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار «يېرىق كالپۇك بېلىق»لارنىڭ كېكىردىكىگە پارازىت قۇرتقا ئوخشىشىدىغان قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك بەلگە قويغان، تەجرىبە قىلىنغان سەككىز بېلىقنىڭ يەتتىسى ئەينەكتە ئۆزىنى كۆرگەندىن كېيىن، سۇ كۆلچىكىنىڭ تېگىدىن بۇ بەلگىلەرنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان. ئەمما، سۇ كۆلچىكىگە ئەينەك ئورناتمىغاندا، «يېرىق كالپۇك بېلىق»لار بۇ بەلگىلەرنى ئىزدىمىگەن، بۇ، «يېرىق كالپۇك بېلىق»لارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ باشقا سەۋەبتىن بولماستىن، بەلكى ئەينەكتە ئۆزىنى كۆرگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى