تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە نېمە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ؟

   زادى نېمە سىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ؟ بىز ئادەتتە گېپى جىق، كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا ماھىر كىشىلەرنى ئوچۇق مىجەز دەپ بىلىمىز. ئىچ مىجەز كىشىلەرنى بولسا ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، گېپى ئاز دەپ بىلىمىز. بەزىلەر كىشىنىڭ خاراكتېرى خىزمەت ئورنىنى بەلگىلەپ قويىدۇ، دەپمۇ قارايدۇ. بۇ راستىنلا شۇنداقمۇ؟ كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى زادى نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟ نېمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟ كىشىلەر خاراكتېرىنىڭ زادى نېمە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتە، ئىچ مىجەز ۋە ئوچۇق مىجەز كىشىلەر دوپامىن ۋە ئاتسېتىلخولىن سىستېمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدىكەن. دوپامىن كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ماددا بولۇپ، ئۇ كىىشلەرنى قىزغىن قىلىدىكەن. ئاتسېتىلخولىننىڭ رولى بولسا كىشىلەردىكى بۇ خىل قىزغىنلىقىنى مۇلايىملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئازادە ۋە رازىمەنلىك ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  ئەمما تەتقىقاتنى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرغاندا، ئوچۇق مىجەز كىشى بىلەن ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ دوپامىن ئىشلەپچىقىرىشىدە پەرق بولماستىن، بەلكى ئوچۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ دوپامىن سىستېمىسى ئاسانلا ئاكتىپ قوزغىلىدىكەن. ئوچۇق مىجەز كىشى بىلەن ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ زادى قايسىسى رېئال تۇرمۇشتا راھەترەك ياشايدىغىنىغا كەلسەك، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار. تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىنىمۇ تەتقىق قىلىپ مۇنداق ھۆكۈم چىقارغان. ئىچ مىجەز كىشىلەر ئادەتتە زېھنىنى خوراتمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بىئارامچىلىق ھېسلىرى كۆپرەك بولىدۇ. خاراكتېرى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېھنى قۇۋۋىتى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار زېھىن خورىتىش چېمپىيونلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك يالغۇز تۇرۇش، يالغۇز پىكىر قىلىش ۋە ياكى بىر ئادەم بىلەن ئۇزۇن ياشاش ئۇلار ئۈچۈن مەنىسى يوق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى