تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

خوتەن ۋىلايەتلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئابلا راشىدىن

  شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. مەن خوتەندە تۇغۇلدۇم، پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تەربىيەلىشىدە بىر رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، بەختىيار، گۈزەل، ئىناق تۇرمۇش كەچۈرەلىگەنلىكىمدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلىمەن.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» دىن ۋە مىللەتنى دەستەك قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرمىساق، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىنى يوقاتمىساق، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تارتىپ چىقارمىساق، شىنجاڭدا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ، خۇشال-خۇرام ئىشلىيەلمەيدۇ. پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي، ھەرقايسى مىللەتلەر شىنجاڭ رايونىدا ئۇزاق مۇددەتلىك كۆپىيىش-يېتىلىش، پارچىلىنىش، قوشۇلۇش جەريانىدا قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان، بار-يوقنى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىزنىڭ بىرلا دۆلىتىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، بىز ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، بىزنىڭ دۆلىتىمىز مېڭىۋاتقان يول جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى.

  خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، ئىتتىپاق- ئىناق، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى كۈنگە ئېرىشتى. بىز كۆز ئالدىمىزدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت، تۇرمۇشتا، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ئارقىلىق ئۆزۈمنى چەكلەپ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن!

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا سادىق بولىمەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق ئالدىدا سىياسىي ئىرادەمنى ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ھەممىدە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن، قەتئىي ھالدا «ئىككى پان» خاتا ئىدىيەسىنى تەنقىدلەيمەن، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھەرگىز پايدىلانغىدەك پۇرسەت بەرمەيمەن، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە، ھەرگىز بولدى قىلمايمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن خىزمەت ئىستىلىمنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت، دېگەن داۋلىنى ئېنىق چۈشەندۈرىمەن، ئاممىنى قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. قەتئىي ھالدا سۆز بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، سەھنىدە، سەھنىدىن چۈشكەندە ئوخشاش بولۇش، ئالدىدا، كەينىدە ئوخشاش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ھەقىقىي باشلامچى بولۇپ، قورقماي، چېكىنمەي، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى