تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانا بىلەن قىزنىڭ رىشتىسى يەنە باغلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا، گاۋ ۋا

  «ئانا!» «قىزىم!» 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا، تاڭنۇر زۇنۇن ۋە ئۇنىڭ قىزى مېھرىئاي ئەلى كۆرۈشۈپلا چىڭ قۇچاقلاشتى.

  بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا قىزىل كۆڭلەك، پۇتىغا قارا ئۆتۈك كىيگەن قىزى خۇددى گۈزەل كېپىنەككە ئوخشايتتى، ئاشخانىدا ئالدىراش مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى، تاڭنۇرنىڭ كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق چاقناپ تۇراتتى. كىم بىلسۇن، بۇ ئانا مېھرى ئىلگىرى چىگىشلىككە تولغانىدى.

  قىزىنى دىندا ئوقۇشقا، نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلاش

  1999- يىلى، تاڭنۇر داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن توي قىلدى ھەم مېھرىئاينى تۇغدى. 2006- يىلى، تاڭنۇر قايتا توي قىلدى، بۇ يىلى مېھرىئاي يەتتە ياشتا ئىدى.

  2- قېتىملىق توي تەسەۋۋۇرىدىكىدەك گۈزەل بولمىدى. ئېرى، قېيىنئانىسىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئېغىر بولۇپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە، ناماز ئوقۇشقا مەجبۇرلايتتى. بىر قېتىم ئۇ دوستلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە ئېرىدىن قاتتىق تاياق يېدى. ئېرى يەنە ئۇنىڭ گىرىم قىلىشىغا، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىغا يول قويمايتتى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى خۇددى ئارغامچىغا ئوخشاش ئۇنى بارغانسېرى چىڭ چىرماپلا قالماي، يەنە سېھىرلىك ئەپسۇنغا ئوخشاش، تاڭنۇرنىڭ كاللىسىدا يامرىدى. ئۇنىڭ ئەس- يادى «جەننەتكە كىرىش»تىلا قالدى، ئۇ ئۆزى نىقابلىق كىيىم كىيىپلا قالماي، يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن مېھرىئاينى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈپ، دىندا ئوقۇشقا، نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىدى. مېھرىئاي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەنمەكچى بولغاندا تاڭنۇر ئۇنۇمايلا قالماي، يەنە ئۇنى تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىشكە قىستىدى، سەۋەبى «توي قىلغاندىن كېيىن ئېرىگە، قېيىنئانىسىغا كىيىم تىكىپ بېرەرمىش».

  مېھرىئاي قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ، بىر قاپ ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىۋالغاندا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئانىسىغا ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدىغان بولدى، ئانا- بالا ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارازلىق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  «تۇرمۇش ئەسلىدە مۇشۇنداق شېرىن ئىكەن»

  2017-يىلى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئېغىر زەھەرلەنگەن تاڭنۇر قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىگە ئۆگىنىشكە كەلدى.

  يورۇق سىنىپ، سىستېمىلىق ئوقۇتۇش، دەرستىن سىرتقى مول پائالىيەت تاڭنۇر ئۈچۈن دۇنيانى تونۇشنىڭ كۆزنىكىنى ئاچتى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئەتراپلىق غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشى تاڭنۇرنىڭ قەلبىنى ئاستا- ئاستا ئېرىتتى.

  تەربىيەلەش مەركىزى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە سىستېمىلىق قىلىپ ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئۆيلىنىش قانۇنى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنى سۆزلەتتى، تاڭنۇر ئاستا- ئاستا ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئويلاندى. ئاخىر بىر كۈنى ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى يازدى: «مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، شۇنداقلا يەنە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن قىزىمغا زىيانكەشلىك قىلدىم. ئۇنىڭ غۇنچىدەك مەزگىلىدە مەن ئۇنى ئاشۇنداق بىمەنە ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر زىيانكەشلىك قىلدىم».

  «ئەگەر تەربىيەلەش مەركىزى تەربىيە بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا، مەن چوقۇم خاتا يولدا بارغانسېرى ئۇزاپ كېتەركەنمەن.» تاڭنۇرنىڭ ئېيتىشىچە، مېھرىئاينى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈپ دىندا ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۇ ئۆمرىدە ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىش ئىكەن. تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ھەر ئايلىق تۇغقانلار كۆرۈشۈشىدە ئۇ مېھرىئايدىن قايتا- قايتا كەچۈرۈم سوراپتۇ.

  ئىدىيەدە ئۆزگىرىش بولدى، تاڭنۇرنىڭ روھىي قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. بىر قېتىم ئۇ ناخشا ئېيتتى، ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسىدىن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەر ھەيران قېلىپ، بەس- بەستە ياخشى ئېيتتىڭىز دەپ ماختىشىپ كەتتى. ئۇ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى ھەم ئۆزگىچە سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى بولدى، جىڭجۈنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتتى. «تۇرمۇش مۇشۇنداق شېرىن ئىكەن، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ناخشا ئېيتمايتتىم، ئۇسسۇل ئوينىمايتتىم، كۈن بويى بۇرۇقتۇرمىلىقتا ياشايتتىم، ھازىر ئويلاپ باقسام شۇنچە نادانلىق ۋە ئەقىلسىزلىق قىپتىمەن!» دېدى تاڭنۇر ئازابلانغان ھالدا.

  «خىزمەت تېپىپ، قىزلىرىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولىمەن»

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تاڭنۇر ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلايدىغان كۈن ئىدى. قىزلىرىنى كۆرۈشكە ئاز قالغانسېرى ئۇ تولىمۇ ھاياجانلاندى.

  مېھرىئاي بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەردىكى بىر ساياھەت مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كۈندە قەشقەر قەدىمىي شەھەردىكى مەززىلىك تائاملار مەيدانىدا ئويۇن قوياتتى ھەم بىر قىسىم مۇلازىمەت خىزمىتىنىمۇ قىلاتتى. مەززىلىك تائاملار مەيدانىغا كەلگەندە تاڭنۇر سەھنىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ، كۆزىنى ئۈزمەي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. قىزى بىكار بولغاندا قىزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يۈزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى، قىزىنىڭ چېكە چاچلىرىنى تۈزەپ مۇنداق دېدى: «بالام، مەن ئىلگىرى خاتا ئىش قىپتىمەن، مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىن سەن داۋاملىق ئوقۇساڭمۇ ياكى تېخنىكا ئۆگەنسەڭمۇ سېنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن».

  مېھرىئاي ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى، كۆزلىرى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى: «ئانا، مەن ئىلگىرى سىزدىن نەپرەتلىنەتتىم، ھازىر نەپرەتلەنمەيمەن. مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن نەپرەتلىنىمەن، ئۇ پۈتۈن ئائىلىمىزگە زىيانكەشلىك قىلدى».

  تاڭنۇرنىڭ ئون ياشلىق كىچىك قىزى مۇكەرەم مەمەتيۈسۈپ قەشقەر شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتتى. شۇ كۈنى يەكشەنبە بولسىمۇ، ئەمما تاڭنۇر يەنىلا مەكتەپكە كېلىپ، قىزىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى يامان ئەمەس، دېگىنىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  مەكتەپنىڭ يېنىدىكى كىتابخانىدا، تاڭنۇر قىزىغا بىرقانچە دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق سېتىۋالدى. «چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ، داشۆدە ئوقۇپ، جەمئىيەتكە كېرەكلىك ئادەم بولۇڭ.» تاڭنۇر قىزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئىلھاملاندۇردى، يەنە ئۇنىڭغا تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن ناخشىنى ئۆگەتتى: «ئادەم كىچىك ۋاقتىدا، چوقۇم ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك، بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بەرگەندىلا، ئاندىن نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ...»

  «مەن ئىلگىرى بىر ياخشى ئانا ئەمەس ئىكەنمەن. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى مېنى قۇتقۇزۇۋالدى، ماڭا ياردەم بېرىپ كاللامدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، مېنى نورمال ئانىغا ئايلاندۇردى.» تاڭنۇر چىن دىلىدىن مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم تەربىيەلەش مەركىزىدە ياخشى ئۆگىنىپ، تەربىيەلەشنى تاماملىغاندىن كېيىن ياخشى خىزمەت تېپىپ، قىزلىرىمغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، خۇشال-خۇرام ياشىشىغا ھەمراھ بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى